ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
45 : 53

وَأَنَّهُۥ خَلَقَ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰ

ئاللاھ تائالا ئەركەك - چىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 53

مِن نُّطۡفَةٍ إِذَا تُمۡنَىٰ

ئايالنىڭ رەھمىگە قويۇلغان مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 53

وَأَنَّ عَلَيۡهِ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰ

ئۇلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم يارىتىش يەنە ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ أَغۡنَىٰ وَأَقۡنَىٰ

ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى مال - دۇنياغا ئىگە قىلىپ باي قىلغان بولسا، ئىنسانلار مال - دۇنيادىن قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە نەرسە بىلەنمۇ مەمنۇن قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ رَبُّ ٱلشِّعۡرَىٰ

ئاللاھ، بەزى مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلىپ چوقۇنۇۋاتقان شىئرا يۇلتۇزىنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 53

وَأَنَّهُۥٓ أَهۡلَكَ عَادًا ٱلۡأُولَىٰ

ھۇدنىڭ قەۋمى بولغان قەدىمكى ئاد ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان بولغاچقا ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 53

وَثَمُودَاْ فَمَآ أَبۡقَىٰ

سالىھنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلىپ، ئۇلاردىن ھېچ كىمنى قالدۇرمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 53

وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ هُمۡ أَظۡلَمَ وَأَطۡغَىٰ

ئاد ۋە سەمۇدتىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدى. نۇھنىڭ قەۋمى ھەقىقەتەن ئاد ۋە سەمۇدتىنمۇ ئەشەددىي زالىم ۋە ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقان قەۋم ئىدى. چۈنكى نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 950 يىل تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 53

وَٱلۡمُؤۡتَفِكَةَ أَهۡوَىٰ

ئاللاھ تائالا لۇت قەۋمى ياشايدىغان شەھەرنى ئېگىز كۆتۈرگەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 53

فَغَشَّىٰهَا مَا غَشَّىٰ

ئۇنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈم كۆمتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۈستىگە تاش ياغدۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 53

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ

ئەي ئىنسان! پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن قايسى ھەققىدە دەتالاش قىلىپ، پەند - نەسىھەت ئالمايسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
56 : 53

هَٰذَا نَذِيرٞ مِّنَ ٱلنُّذُرِ ٱلۡأُولَىٰٓ

سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ پەيغەمبەرمۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 53

أَزِفَتِ ٱلۡأٓزِفَةُ

قىيامەت يېقىنلاشتى. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 53

لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ كَاشِفَةٌ

ئۇنى توسۇپ قالغۇچىمۇ يوق، ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭدىن خەۋەردار بىرىمۇ يوق. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 53

أَفَمِنۡ هَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ تَعۡجَبُونَ

سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
60 : 53

وَتَضۡحَكُونَ وَلَا تَبۡكُونَ

قۇرئاننى مەسخىرە قىلىپ كۈلەمسىلەر؟ ئۇنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ يىغلىمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
61 : 53

وَأَنتُمۡ سَٰمِدُونَ

سىلەر ئۇنىڭدىن غاپىل بولۇپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 53

فَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ وَٱعۡبُدُواْ۩

يالغۇز بىر ئاللاھقىلا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەتنى ئۇنىڭغا خالىس قىلىڭلار. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• عدم التأثر بالقرآن نذير شؤم.
قۇرئاندىن تەسىرلەنمەسلىك شۇملۇقنىڭ بېشارىتىدۇر. info

• خطر اتباع الهوى على النفس في الدنيا والآخرة.
نەپسنىڭ كەينىگە كىرىش بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر. info

• عدم الاتعاظ بهلاك الأمم صفة من صفات الكفار.
قەدىمكى خەلقلەرنىڭ ھالاكىتىدىن ئىبرەت ئالماسلىق كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. info