ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
27 : 53

إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ لَيُسَمُّونَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ تَسۡمِيَةَ ٱلۡأُنثَىٰ

ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغانلار پەرىشتىلەرنى ئۆزلىرىچە ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قاراپ چىشى نامى بىلەن ئاتايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 53

وَمَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّۖ وَإِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـٔٗا

ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ ئاتىشىدا ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار بۇنىڭدا پەقەت پەرەز ۋە گۇمانغىلا تايىنىدۇ. ھەقىقەتەن گۇمان ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى بېسىشى تۈگۈل، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 53

فَأَعۡرِضۡ عَن مَّن تَوَلَّىٰ عَن ذِكۡرِنَا وَلَمۡ يُرِدۡ إِلَّا ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ زىكرى (قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا كۆزلەيدىغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدىغانلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 53

ذَٰلِكَ مَبۡلَغُهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱهۡتَدَىٰ

بۇ مۇشرىكلار دەۋاتقان پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ ئاتاشتىن ئىبارەت ئۇ گەپ بولسا ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يېتىپ بارالىغان ئەڭ يۇقىرى چەك شۇ. چۈنكى ئۇلار نادان، ئىشەنچلىك ئىلىمگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەق يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ئۆز يولى تەرەپكە ماڭغانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 53

وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَسَٰٓـُٔواْ بِمَا عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ بِٱلۡحُسۡنَى

ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرمۇ، زېمىندىكى نەرسىلەرمۇ ئىگىداراچىلىق قىلىش، يارىتىش ۋە پىلانلاش جەھەتلەردە يالغۇز ئاللاھقا ئائىتتۇر. (بۇنداق بولۇشى) دۇنيادا يامان ئەمەل قىلغانلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىش، ياخشى ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 53

ٱلَّذِينَ يَجۡتَنِبُونَ كَبَٰٓئِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡفَوَٰحِشَ إِلَّا ٱللَّمَمَۚ إِنَّ رَبَّكَ وَٰسِعُ ٱلۡمَغۡفِرَةِۚ هُوَ أَعۡلَمُ بِكُمۡ إِذۡ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَإِذۡ أَنتُمۡ أَجِنَّةٞ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡۖ فَلَا تُزَكُّوٓاْ أَنفُسَكُمۡۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ

مۇئمىنلەر چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. لېكىن كىچىك گۇناھلار چوڭ گۇناھلارنى تەرك ئېتىش ۋە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرىتى چەكسىز زات بولۇپ، بەندىلىرى تەۋبە قىلغان ھامان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقاندىن تارتىپ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورسىقىدا ھامىلدار بولۇپ، باسقۇچمۇ-باسقۇچ يارىتىلىشىڭلارغىچىلىك پۈتۈن جەرياندىكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە بارلىق ھالىتىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭلارنى تەقۋادارلىق بىلەن ماختىماڭلار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 53

أَفَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي تَوَلَّىٰ

ئىسلامغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنىڭ قەبىھ قىلمىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
34 : 53

وَأَعۡطَىٰ قَلِيلٗا وَأَكۡدَىٰٓ

ئۇ مالدىن كىچىككىنە بېرىپ، كېيىن بەرگىلى ئۇنىمىدى. چۈنكى بېخىللىق ئۇنىڭ خاراكتېرى ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇ يەنە ئۆزىنى ئاقلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 53

أَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلۡغَيۡبِ فَهُوَ يَرَىٰٓ

ئۇ غەيبنى بىلىدىغان بولۇپ، شۇڭا (كەلگۈسىنى) كۆرۈپ غەيبتىن سۆز ئېچىۋاتامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
36 : 53

أَمۡ لَمۡ يُنَبَّأۡ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ

ياكى ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىمۇ؟ يا بولمىسا ئاللاھقا توقۇلغان بۇ يالغانلار ئاللاھ مۇساغا نازىل قىلغان ئىلگىرىكى سەھىپىلەردە خەۋەر قىلىنماي قالغانمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
37 : 53

وَإِبۡرَٰهِيمَ ٱلَّذِي وَفَّىٰٓ

پەرۋەردىگارى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنمىغانمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
38 : 53

أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰ

ھەقىقەتەن ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 53

وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ

ئىنسانغا پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 53

وَأَنَّ سَعۡيَهُۥ سَوۡفَ يُرَىٰ

ئۇ كىشى ھەقىقەتەن دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى قىيامەت كۈنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 53

ثُمَّ يُجۡزَىٰهُ ٱلۡجَزَآءَ ٱلۡأَوۡفَىٰ

ئاندىن ئۇنىڭ ئەمىلىنىڭ جازا - مۇكاپاتى قىلچە كېمەيتىلمەي، تولۇق بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 53

وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلۡمُنتَهَىٰ

ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ أَضۡحَكَ وَأَبۡكَىٰ

ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى خۇشال قىلىپ كۈلدۈرىدۇ، خالىغان كىشىنى قايغۇغا سېلىپ يىغلىتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ أَمَاتَ وَأَحۡيَا

ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇنيادا ھاياتلارنى ئۆلتۈرىدۇ، قىيامەت ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• انقسام الذنوب إلى كبائر وصغائر.
گۇناھلار چوڭ - كىچىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. info

• خطورة التقوُّل على الله بغير علم.
ئىلىمسىز تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇش خەتەرلىكتۇر. info

• النهي عن تزكية النفس.
ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ قاراش چەكلىنىدۇ. info