ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
74 : 43

إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ

شەكسىزكى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەتچى بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 43

لَا يُفَتَّرُ عَنۡهُمۡ وَهُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ

ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللىتىلمەيدۇ. ئۇلار دوزاختا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 43

وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُواْ هُمُ ٱلظَّٰلِمِينَ

بىز ئۇلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلمىدۇق، بەلكى ئۇلار كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 43

وَنَادَوۡاْ يَٰمَٰلِكُ لِيَقۡضِ عَلَيۡنَا رَبُّكَۖ قَالَ إِنَّكُم مَّٰكِثُونَ

ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە نىدا قىلىپ: ئەي مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسا، بىز بۇ ئازابتىن قۇتۇلغان بولساق، دەيدۇ. ئاندىن مالىك ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى سىلەر ئۈزۈلمەيدىغان ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۆلەلمەيسىلەر، سىلەردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 43

لَقَدۡ جِئۡنَٰكُم بِٱلۡحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَكُمۡ لِلۡحَقِّ كَٰرِهُونَ

بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قىلچە شەك بولمىغان دىننى كەلتۈرگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپىنچىىڭلار ھەق دىننى ياقتۇرمىغان ئىدىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 43

أَمۡ أَبۡرَمُوٓاْ أَمۡرٗا فَإِنَّا مُبۡرِمُونَ

ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست پىلانلىغان بولسا، شەكسىزكى بىزمۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر تەدبىر قوللىنىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 43

أَمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّا لَا نَسۡمَعُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيۡهِمۡ يَكۡتُبُونَ

ياكى ئۇلار دىللىرىدا يوشۇرغان سىرلىرىنى ياكى مەخپىي پىچىرلاشقانلىرىنى بىزنى ئاڭلىيالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 43

قُلۡ إِن كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ وَلَدٞ فَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡعَٰبِدِينَ

ئەي پەيغەمبەر! قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر. ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. مەن ئاللاھنى بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ بىلگەن ھالدا ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 43

سُبۡحَٰنَ رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ

ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك، ھەمراھ ۋە بالىلارنى مەنسۇپ قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن پاكتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 43

فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرى داۋاملىشىپ كەلگەن خاتالىقىغا پېتىشىغا ۋە ئويۇن - تاماشا قىلىشىغا قويۇپ بەرگىن. ئۇلار قىيامەت كۈنى ۋەدە قىلىنغان كۈنگە ئۇچراشقانغا قەدەر شۇ پېتى قېلىۋەرسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 43

وَهُوَ ٱلَّذِي فِي ٱلسَّمَآءِ إِلَٰهٞ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَٰهٞۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ

ئاللاھ تائالا ئاسماندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 43

وَتَبَارَكَ ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتى ئىنتايىن كاتتىدۇركى، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى بىلمەيدۇ. سىلەر ئاخىرەتتە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يەنە يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 43

وَلَا يَمۡلِكُ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِ ٱلشَّفَٰعَةَ إِلَّا مَن شَهِدَ بِٱلۡحَقِّ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ

مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ئىيسا، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ گۇۋاھلق بەرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 43

وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَهُمۡ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ

ئەگەر ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىم ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: بىزنى ئاللاھ ياراتتى، دەيدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ قانداقسىگە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن (بۇتلارغا چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
88 : 43

وَقِيلِهِۦ يَٰرَبِّ إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ قَوۡمٞ لَّا يُؤۡمِنُونَ

ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ ئىنكارچىلىقىدىن قىلغان شىكايەتلىرى مەلۇمدۇر. پەيغەمبەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى: ئەي رەببىم! شەكسىزكى بۇلار سەن مەن بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمايدىغان كىشىلەردۇر، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 43

فَٱصۡفَحۡ عَنۡهُمۡ وَقُلۡ سَلَٰمٞۚ فَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ

ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا رەددىيە بېرىدىغان سۆزلەرنى دېگىن. - بۇ مەككىدە بولغان ئىش ئىدى-. ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئۆزلىرىنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• كراهة الحق خطر عظيم.
ھەقىقەتنى ياقتۇرماسلىق ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. info

• مكر الكافرين يعود عليهم ولو بعد حين.
كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ ئۆزلىرىگە يانىدۇ. info

• كلما ازداد علم العبد بربه، ازداد ثقة بربه وتسليمًا لشرعه.
بەندە پەرۋەردىگارىنى قانچىكى تونۇغانسېرى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە بولغان ئىتائەتمەنلىكى شۇنچىلىك ئېشىپ بارىدۇ. info

• اختصاص الله بعلم وقت الساعة.
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەش ئاللاھقا خاستۇر. info