ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
61 : 43

وَإِنَّهُۥ لَعِلۡمٞ لِّلسَّاعَةِ فَلَا تَمۡتَرُنَّ بِهَا وَٱتَّبِعُونِۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ

شەكسىزكى ئىيسا ئاخىر زاماندا چۈشكەن چاغدا ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ بۈيۈك ئالامەتلىرىدىن بىرى بولىدۇ. شۇڭا قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىدىن شەك قىلماي، مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئەگىشىڭلار. مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان داغدام يولدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 43

وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ

شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇپ، قۇترىتىش ئارقىلىق توغرا يولدىن بۇرۇۋەتمىسۇن. شەكسىزكى شەيتان سىلەرگە ئۆچ - ئاداۋىتى ئاشكارا دۈشمەندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 43

وَلَمَّا جَآءَ عِيسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ قَالَ قَدۡ جِئۡتُكُم بِٱلۡحِكۡمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُم بَعۡضَ ٱلَّذِي تَخۡتَلِفُونَ فِيهِۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئىيسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىللەرنى كەلتۈرگەن چاغدا ئۇلارغا: مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ھېكمەتنى ئىلىپ كەلدىم، سىلەرگە دىندىن ئىختىلاپ قىلىشقان بەزى ئىشلىرىڭلارنى روشەن بايان قىلىپ بېرىمەن. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
64 : 43

إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمۡ فَٱعۡبُدُوهُۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ

شەكسىزكى ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق. شۇڭا يالغۇز شۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ تەۋھىد ئېتىقادى قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا يولدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 43

فَٱخۡتَلَفَ ٱلۡأَحۡزَابُ مِنۢ بَيۡنِهِمۡۖ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡ عَذَابِ يَوۡمٍ أَلِيمٍ

ناسارا تائىپىلىرى ئىيسا ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى: ئۇ ئىلاھتۇر، دېگەن بولسا، يەنە بىر بۆلۈكى: ئۇ ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر، دېدى. يەنە بىر بۆلۈكى بولسا: ئۇ ئانىسى بىلەن ئىككى ئىلاھتۇر، دېيىشتى. ئىيسانى ئىلاھ بولۇش ياكى ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇش ياكى ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇش، دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋايكى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دەرتلىك ئازاب كۈتۈپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 43

هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

ئىيسا ھەققىدە ئىختىلاپ قىلشقان بۇ گۇرۇھلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. ئەگەر قىيامەت ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە كەلسە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى شەكسىزكى دەرتلىك ئازاب بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 43

ٱلۡأَخِلَّآءُ يَوۡمَئِذِۭ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوٌّ إِلَّا ٱلۡمُتَّقِينَ

كۇپۇرلۇق ھەم ئازغۇنلۇق ئۈستىدىكى سىرداش دوستلار قىيامەت كۈنى بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ دوستلۇقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 43

يَٰعِبَادِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ

ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: ئى بەندىلىرىم! ئەمدى سىلەرگە قورقۇنچ يوق، دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىڭلارغا قايغۇرماڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
69 : 43

ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ مُسۡلِمِينَ

ئۇلار پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتقان ۋە قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن ياناتتى. info
التفاسير:

external-link copy
70 : 43

ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ أَنتُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ تُحۡبَرُونَ

سىلەر ۋە ئىمان ئېيتىشتا سىلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلار جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەر تۈگەپ كەتمەيدىغان، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتتىن خۇرسەن بولىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
71 : 43

يُطَافُ عَلَيۡهِم بِصِحَافٖ مِّن ذَهَبٖ وَأَكۡوَابٖۖ وَفِيهَا مَا تَشۡتَهِيهِ ٱلۡأَنفُسُ وَتَلَذُّ ٱلۡأَعۡيُنُۖ وَأَنتُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئالتۇن تاۋاقلارنى ۋە (شاراپ تولدۇرۇلغان) قەدەھلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان، كۆزلەر كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان نېئمەتلەر بار. سىلەر شۇ نېئمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۇنىڭدىن قەتئىي چىقىرىۋېتىلمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 43

وَتِلۡكَ ٱلۡجَنَّةُ ٱلَّتِيٓ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

مەن سىلەرگە سۈپەتلەپ بەرگەن ئاشۇ جەننەت ئاللاھ تائالا ئۇنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن جەننەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
73 : 43

لَكُمۡ فِيهَا فَٰكِهَةٞ كَثِيرَةٞ مِّنۡهَا تَأۡكُلُونَ

ئۇ جەننەتلەردە سىلەر ئۈچۈن ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كۆپلىگەن مېۋە - چېۋىلەر بار بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• نزول عيسى من علامات الساعة الكبرى.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• انقطاع خُلَّة الفساق يوم القيامة، ودوام خُلَّة المتقين.
قىيامەت كۈنى پاسىقلارنىڭ دوستلۇقى ئاخىرلىشىپ، تەقۋادارلارنىڭ دوستلۇقى داۋاملىشىدۇ. info

• بشارة الله للمؤمنين وتطمينه لهم عما خلفوا وراءهم من الدنيا وعما يستقبلونه في الآخرة.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە بېشارەت بېرىپ، ئۇلارنى دۇنيادا قالدۇرۇپ كەلگەن نەرسىلەردىن ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان ئاقىۋەتتىن كۆڭۈللىرىنى تىندۇرىدۇ. info