ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
39 : 19

وَأَنذِرۡهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡحَسۡرَةِ إِذۡ قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَهُمۡ فِي غَفۡلَةٖ وَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلارنى ھەسرەت-نادامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈندە يامان ئىش قىلغۇچى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى يېپىلغان ۋە ھېسابلىرى تاماملانغان، ھەر بىر ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ياشاۋاتقان ھاياتتىن مەغرۇرلانغان، ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ئېدى، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 19

إِنَّا نَحۡنُ نَرِثُ ٱلۡأَرۡضَ وَمَنۡ عَلَيۡهَا وَإِلَيۡنَا يُرۡجَعُونَ

بىز خالايىق يوق بولغاندىن كېيىنمۇ زېمىنغا ۋارىسلىق قېلىمىز، زېمىندىكىلەر يوق بولۇپ بىز قالغاندىن كېيىن زېمىندىكى نەرسىلەرگە يەنىلا بىز ئىگە بولىمىز، خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمىز، ھېساب ۋە جازا .ئۈچۈن قىيامەت كۈنى .يالغۇز بىزنىڭ تەرىپىمىزگە قايتىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
41 : 19

وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ إِبۡرَٰهِيمَۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقٗا نَّبِيًّا

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن .بىر پەيغەمبەر ئېدى info
التفاسير:

external-link copy
42 : 19

إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ يَٰٓأَبَتِ لِمَ تَعۡبُدُ مَا لَا يَسۡمَعُ وَلَا يُبۡصِرُ وَلَا يُغۡنِي عَنكَ شَيۡـٔٗا

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسى ئازەرگە: ئى دادا! سەن نېمە ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ، چاقىرساڭ ئاڭلىمايدىغان، ئىبادەت قىلساڭ كۆرمەيدىغان ۋە سەندىن زىياننى يوق قىلالمايدىغان، پايدا كەلتۈرەلمەيدىغان بۇتقا ئىبادەت قىلىسەن؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 19

يَٰٓأَبَتِ إِنِّي قَدۡ جَآءَنِي مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَمۡ يَأۡتِكَ فَٱتَّبِعۡنِيٓ أَهۡدِكَ صِرَٰطٗا سَوِيّٗا

ئى دادا! ھەقىقەتەن ماڭا ۋەھيى ئارقىلىق سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر .نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن info
التفاسير:

external-link copy
44 : 19

يَٰٓأَبَتِ لَا تَعۡبُدِ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلرَّحۡمَٰنِ عَصِيّٗا

ئى دادا! سەن شەيتانغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇنمىغىن، ھەقىقەتەن شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت سەجدىسى قىلىشقا بۇيرۇلغاندا ئۇنىڭغا سەجدە قىلماستىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا .ئاسىيلىق قىلدى info
التفاسير:

external-link copy
45 : 19

يَٰٓأَبَتِ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يَمَسَّكَ عَذَابٞ مِّنَ ٱلرَّحۡمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيۡطَٰنِ وَلِيّٗا

ئى دادا! ئەگەر سەن كاپىر ھالىتىڭدە ئۆلۈپ كەتسەڭ ساڭا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن، سېنىڭ شەيتانغا دوست بولغانلىقىڭ سەۋەبىدىن ئازابتا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قىلىشىڭدىن قورقىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 19

قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنۡ ءَالِهَتِي يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُۖ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ لَأَرۡجُمَنَّكَۖ وَٱهۡجُرۡنِي مَلِيّٗا

ئازەر ئوغلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ؟، ئەگەر سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنى سۆكۈشتىن توختىمىساڭ سېنى تاش بىلەن ئۇرىمەن. سەن ئۇزاق ۋاقىت مەندىن يىراق تۇرۇپ ماڭا سۆز قىلمىغىن، مەن بىلەن بىرگە تۇرمىغىن دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 19

قَالَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكَۖ سَأَسۡتَغۡفِرُ لَكَ رَبِّيٓۖ إِنَّهُۥ كَانَ بِي حَفِيّٗا

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىغا: مەندىن ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەندىن ساڭا سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىش يەتمەيدۇ، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيمەن، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم ماڭا بەك مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 19

وَأَعۡتَزِلُكُمۡ وَمَا تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَأَدۡعُواْ رَبِّي عَسَىٰٓ أَلَّآ أَكُونَ بِدُعَآءِ رَبِّي شَقِيّٗا

سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن يىراق بولىمەن، يالغۇز پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قېلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن. مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ .قالماسلىقىمنى ئۈمىت قىلىمەن info
التفاسير:

external-link copy
49 : 19

فَلَمَّا ٱعۡتَزَلَهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَهَبۡنَا لَهُۥٓ إِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَۖ وَكُلّٗا جَعَلۡنَا نَبِيّٗا

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىنى تەرك قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئەھلىنى يوقۇتۇپ قويغىنىنىڭ بەدىلىگە ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى ئاتا .قىلدۇق، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنى ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن قىلدى info
التفاسير:

external-link copy
50 : 19

وَوَهَبۡنَا لَهُم مِّن رَّحۡمَتِنَا وَجَعَلۡنَا لَهُمۡ لِسَانَ صِدۡقٍ عَلِيّٗا

ئۇلارغا بىز رەھمىتىمىز بىلەن بىرگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇلار .ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ تىلىدا داۋاملىشىدىغان گۈزەل مەدھىيلەرنى .قىلدۇق info
التفاسير:

external-link copy
51 : 19

وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مُوسَىٰٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ مُخۡلَصٗا وَكَانَ رَسُولٗا نَّبِيّٗا

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن. ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ .تەرىپىدىن تاللانغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەردۇر info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• لما كان اعتزال إبراهيم لقومه مشتركًا فيه مع سارة، ناسب أن يذكر هبتهما المشتركة وحفيدهما، ثم جاء ذكر إسماعيل مستقلًّا مع أن الله وهبه إياه قبل إسحاق.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەۋمىدىن ئايرىلغاندا سارە ھەمرا بولغان بولۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاللاھنىڭ ئۇ ئىككەيلەنگە ئاتا قىلغان ئوغلى ۋە نەۋرىسىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپ بولدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقتىن بۇرۇن ئاتا قىلغان ئىسمائىل .ئەلەيھىسسالامنى ئايرىم زىكىر قىلدى info

• التأدب واللطف والرفق في محاورة الوالدين واختيار أفضل الأسماء في مناداتهما.
ئاتا-ئانا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئەدەب بىلەن، كۆيۈمچانلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇلارنى ئەڭ چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىش لازىم. info

• المعاصي تمنع العبد من رحمة الله، وتغلق عليه أبوابها، كما أن الطاعة أكبر الأسباب لنيل رحمته.
گۇناھ-مەئسىيەت بەندىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن چەكلەيدۇ، رەھمەت ئېشىكلىرىنى تاقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولغانغا ئوخشاشتۇر. info

• وعد الله كل محسن أن ينشر له ثناءً صادقًا بحسب إحسانه، وإبراهيم عليه السلام وذريته من أئمة المحسنين.
ئاللاھنىڭ بارلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا قىلغان ۋەدىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بويىچە ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تارىتىشتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ياخشى ئىىش قىلغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسىدۇر. info