ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
12 : 19

يَٰيَحۡيَىٰ خُذِ ٱلۡكِتَٰبَ بِقُوَّةٖۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡحُكۡمَ صَبِيّٗا

زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يەھيا تۇغۇلدى، ئۇ چوڭ بولغاندا يەنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا: ئى يەھيا! تەۋراتنى تېرىشىپ ياخشى ئۈگەنگىن دېدۇق، ئۇنىڭغا بالىلىق يېشىدىلا ئەقىل، ئىلىم، تېرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئاتا قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 19

وَحَنَانٗا مِّن لَّدُنَّا وَزَكَوٰةٗۖ وَكَانَ تَقِيّٗا

بىز مېھرىبانلىقىمىز بىلەن ئۇنى مەرھەمەتلىك قىلدۇق، ئۇنى گۇناھلاردىن پاك قىلدۇق، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن .يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولدى info
التفاسير:

external-link copy
14 : 19

وَبَرَّۢا بِوَٰلِدَيۡهِ وَلَمۡ يَكُن جَبَّارًا عَصِيّٗا

ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئېھسان قېلىدىغان كۆيۈمچان ئېدى، ئاللاھقا ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلمايتتى. پەرۋەردىگارىغا ۋە .ئاتا-ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلمايتتى info
التفاسير:

external-link copy
15 : 19

وَسَلَٰمٌ عَلَيۡهِ يَوۡمَ وُلِدَ وَيَوۡمَ يَمُوتُ وَيَوۡمَ يُبۡعَثُ حَيّٗا

ئۇنىڭغا ئۇ تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان ۋە ھاياتلىقتىن چېقىدىغان كۈندە ۋە قىيامەتتە ھايات تېرگۈزىلىدىغان كۈندە ئاللاھ تەرىپىدىن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئورۇن ئىنسان بېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئورۇندۇر. بۇنىڭدىن ئامان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىدە .قورقۇنچ يوقتۇر info
التفاسير:

external-link copy
16 : 19

وَٱذۡكُرۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَرۡيَمَ إِذِ ٱنتَبَذَتۡ مِنۡ أَهۡلِهَا مَكَانٗا شَرۡقِيّٗا

-ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر جايدا .يالغۇز تۇردى info
التفاسير:

external-link copy
17 : 19

فَٱتَّخَذَتۡ مِن دُونِهِمۡ حِجَابٗا فَأَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرٗا سَوِيّٗا

ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى قەۋمىنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن قەۋمىنىڭ ئارىسىدا بىر پەردە تارتتى، بىز ئۇنىڭغا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى مۇكەممەل بىر كىشىنىڭ شەكلىدە ئەۋەتتۇق، .مەريەم ئۇنىڭ يامانلىق قېلىشىدىن ئەنسىرىدى info
التفاسير:

external-link copy
18 : 19

قَالَتۡ إِنِّيٓ أَعُوذُ بِٱلرَّحۡمَٰنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيّٗا

مەريەم ئۆزىگە يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان بېجىرىم بىر ئىنساننى كۆرگەن ۋاقىتتا: ئى ئىنسان! ئەگەر سەن ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇدىغان بولساڭ سېنىڭدىن ماڭا يامانلىق يېتىپ قېلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ .تېلەيمەن، دېدى info
التفاسير:

external-link copy
19 : 19

قَالَ إِنَّمَآ أَنَا۠ رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَٰمٗا زَكِيّٗا

جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: مەن ئىنسان ئەمەس، ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا پاك بىر پەرزەنت ئاتا قىلىش ئۈچۈن .ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن دېدى info
التفاسير:

external-link copy
20 : 19

قَالَتۡ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَٰمٞ وَلَمۡ يَمۡسَسۡنِي بَشَرٞ وَلَمۡ أَكُ بَغِيّٗا

مەريەم ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟، مەن ياتلىق بولمىغان ۋە پاھىشە قىلىش بىلەن بىرەر ئەر ماڭا يېقىنلاشمىغان تۇرسا .قانداقمۇ بالام بولسۇن، دېدى info
التفاسير:

external-link copy
21 : 19

قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٞۖ وَلِنَجۡعَلَهُۥٓ ءَايَةٗ لِّلنَّاسِ وَرَحۡمَةٗ مِّنَّاۚ وَكَانَ أَمۡرٗا مَّقۡضِيّٗا

جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىش سەن دېگەندەك، ساڭا ھېچقانداق بىر ئەركەك زاتى يېقىنلاشمىدى ۋە سەن پاھىشىمۇ قىلمىدىڭ، لېكىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: ئاتىسىز بىر بالىنى پەيدا قىلىش ماڭا ئاساندۇر. ساڭا بېرىلگەن بۇ بالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان بىر بەلگە بولىدۇ. بۇ بالا بىزدىن ساڭا ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا رەھمەتتۇر. ساڭا تەقدىر قىلىنغان بۇ بالا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتىۋېتىلگەن دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 19

۞ فَحَمَلَتۡهُ فَٱنتَبَذَتۡ بِهِۦ مَكَانٗا قَصِيّٗا

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرىشتە روھنى پۈۋلىگەندىن كېيىن مەريەم .ھامىلدار بولدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن يىراق بىر جايغا كەتتى info
التفاسير:

external-link copy
23 : 19

فَأَجَآءَهَا ٱلۡمَخَاضُ إِلَىٰ جِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ قَالَتۡ يَٰلَيۡتَنِي مِتُّ قَبۡلَ هَٰذَا وَكُنتُ نَسۡيٗا مَّنسِيّٗا

ئۇنى قاتتىق تولغاق تۇتتى، ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋالدى، مەريەم: كاشكى مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ!، ماڭا يامان گۇمان قېلىنغاندىن كۆرە تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەمچۇ كاشكى!، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 19

فَنَادَىٰهَا مِن تَحۡتِهَآ أَلَّا تَحۡزَنِي قَدۡ جَعَلَ رَبُّكِ تَحۡتَكِ سَرِيّٗا

ئىسا مەريەمنىڭ قەدىمى ئاستىدىن نىدا قېلىپ: قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىىڭ ئېچىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق قىلدى، دېدى. (بۇ ئايەتتىكى چاقىرغۇچىنى كۆپچىلىك تەپسىر ئۆلىمالىرى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن، چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار چاقىرغۇچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار چاقىرغۇچى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرغان. چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا سۆزلىگەنلىكى قۇرئاندا بايان قىلىنغان، ئەمما تۇغۇلۇپلا سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ رىۋايەت يوق. بۇ تەپسىرنى تۈزگۈچى ئۆلىمالار چاقىرغۇچى ئىسا ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراش بويىچە بايان قىلغان-ت) info
التفاسير:

external-link copy
25 : 19

وَهُزِّيٓ إِلَيۡكِ بِجِذۡعِ ٱلنَّخۡلَةِ تُسَٰقِطۡ عَلَيۡكِ رُطَبٗا جَنِيّٗا

خورما دەرىخىنى چىڭ تۇتۇپ ئېرغىتقىن، شۇ ۋاقىتتىلا ساڭا پىشقان .خورمىلار چۈشىدۇ دېدى info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• الصبر على القيام بالتكاليف الشرعية مطلوب.
تەلەپ قېلىنغان شەرئى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا سەۋىر قىلىش. info

• علو منزلة بر الوالدين ومكانتها عند الله، فالله قرنه بشكره.
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەرتىۋېسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھ ئاتا-ئانىغا ئېھسان قېلىش بىلەن ئۆزىگە شۈكۈر ئېيتىشنى بىر ئايەتتە بايان قىلدى. info

• مع كمال قدرة الله في آياته الباهرة التي أظهرها لمريم، إلا أنه جعلها تعمل بالأسباب ليصلها ثمرة النخلة.
ئاللاھ تائالا مەريەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ئىپادىلەيدىغان مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنى خورمىنىڭ .مېۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەۋەبلەرنى قېلىشقا بۇيرىدى info