ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
23 : 12

وَرَٰوَدَتۡهُ ٱلَّتِي هُوَ فِي بَيۡتِهَا عَن نَّفۡسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلۡأَبۡوَٰبَ وَقَالَتۡ هَيۡتَ لَكَۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِۖ إِنَّهُۥ رَبِّيٓ أَحۡسَنَ مَثۡوَايَۖ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ

مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى يۇسۇفكە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش ۋە ھىيلە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە تېخىمۇ خالى بولۇشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: قېنى كەل، دېدى. يۇسۇف: سەن مېنى چاقىرغان ئىشتىن ئاللاھقا سىغىنىمەن. خوجايىنىم ماڭا تولىمۇ ياخشىلىق قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ھەرگىز خىيانەت قىلمايمەن، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلسام ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغان بولىمەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەرگىزمۇ نىجات تاپالمايدۇ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 12

وَلَقَدۡ هَمَّتۡ بِهِۦۖ وَهَمَّ بِهَا لَوۡلَآ أَن رَّءَا بُرۡهَٰنَ رَبِّهِۦۚ كَذَٰلِكَ لِنَصۡرِفَ عَنۡهُ ٱلسُّوٓءَ وَٱلۡفَحۡشَآءَۚ إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُخۡلَصِينَ

ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە تولىمۇ قىزىقتۇردى. ئەگەر يۇسۇف ئاللاھنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ناچار قىلمىشلاردىن توسۇپ قالالايدىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرمىگەن بولسا ئىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىگىمۇ كېچىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ناچار قىلمىشلارنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ھەمدە ئۇنى زىنا ۋە خىيانەتتىن يىراق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق مۆجىزىنى كۆرسەتتۇق. شەكسىزكى يۇسۇف بىزنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 12

وَٱسۡتَبَقَا ٱلۡبَابَ وَقَدَّتۡ قَمِيصَهُۥ مِن دُبُرٖ وَأَلۡفَيَا سَيِّدَهَا لَدَا ٱلۡبَابِۚ قَالَتۡ مَا جَزَآءُ مَنۡ أَرَادَ بِأَهۡلِكَ سُوٓءًا إِلَّآ أَن يُسۡجَنَ أَوۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

ھەر ئىككىلىسى ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشتى، يۇسۇف ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ، ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا ئۇنى توسۇپ قېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى تارتىۋېدى، كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككىسى ئىشىك ئالدىدا ئەزىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئەزىزنىڭ ئايالى ئەزىزگە مۇغەمبەرلىك بىلەن: ئەي ئەزىز! ئايالىڭنىڭ ئىپپىتىنى ئاياق ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق جازالاش بولۇشى كېرەك، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 12

قَالَ هِيَ رَٰوَدَتۡنِي عَن نَّفۡسِيۚ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن قُبُلٖ فَصَدَقَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ

يۇسۇف ئەلەيھىسسالام: ئۇ مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، مەن ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلمىدىم، دېدى. ئاللاھ ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ جەمەتىدىن بۆشۈكتىكى بىر نارەسىدىنى سۆزلەتتى - دە، ئۇ مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا بۇ ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر، چۈنكى ئۇ يۇسۇفتىن ئۆزىنى قوغدىغان بولۇپ، يۇسۇف يالغانچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 12

وَإِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ فَكَذَبَتۡ وَهُوَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا بۇ يۇسۇفنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى ئەزىزنىڭ ئايالى يۇسۇفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يۇسۇف ئۇنىڭدىن قاچقان. بۇ چاغدا ئەزىزنىڭ ئايالى يالغانچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 12

فَلَمَّا رَءَا قَمِيصَهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٖ قَالَ إِنَّهُۥ مِن كَيۡدِكُنَّۖ إِنَّ كَيۡدَكُنَّ عَظِيمٞ

ئەزىز يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىگە ئىشەندى ھەمدە: ئەي ئاياللار جامائەسى! ئايالىم يۇسۇفكە چاپلىغان تۆھمەت سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇركى، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 12

يُوسُفُ أَعۡرِضۡ عَنۡ هَٰذَاۚ وَٱسۡتَغۡفِرِي لِذَنۢبِكِۖ إِنَّكِ كُنتِ مِنَ ٱلۡخَاطِـِٔينَ

ئۇ يۇسۇفكە: ئەي يۇسۇف! بۇ ئىشنى بولدى قىلغىن، باشقىلارغا سۆزلەپمۇ يۈرمىگىن. (زۈلەيخا!) سەنمۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن. سەن ھەقىقەتەن يۇسۇفتىن غەيرى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن گۇناھكارلاردىن بولدۇڭ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 12

۞ وَقَالَ نِسۡوَةٞ فِي ٱلۡمَدِينَةِ ٱمۡرَأَتُ ٱلۡعَزِيزِ تُرَٰوِدُ فَتَىٰهَا عَن نَّفۡسِهِۦۖ قَدۡ شَغَفَهَا حُبًّاۖ إِنَّا لَنَرَىٰهَا فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ ئىشى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتتى، بىر قىسىم ئاياللار ئۇنى ئەيىبلىگەن ھالدا: ئەزىزنىڭ ئايالى ئۆز قۇلىدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىپتۇما؟ ئۇنىڭ سۆيگۈسى زۈلەيخانى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان گەپ. بىز زۈلەيخانىڭ ئۆز قۇلىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئوچۇق - ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز، دېيىشتى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• قبح خيانة المحسن في أهله وماله، الأمر الذي ذكره يوسف من جملة أسباب رفض الفاحشة.
بۇ ئايەتلەر ئائىلىسى ۋە مال - مۈلۈكلىرى بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچىغا خىيانەت قىلىشنىڭ تولىمۇ ناچار قىلمىش ئىكەنلىكىنى، يۇسۇف تىلغا ئالغان بۇ ئىشنىڭ پاھىشە ئىشلارنى رەت قىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• بيان عصمة الأنبياء وحفظ الله لهم من الوقوع في السوء والفحشاء.
پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھتىن خالىي ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ناچار ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• وجوب دفع الفاحشة والهرب والتخلص منها.
ناشايان قىلمىشلارنى رەت قىلىش، قېچىش ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• مشروعية العمل بالقرائن في الأحكام.
ھۆكۈملەردە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارغا ئېتىبار بېرىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. info