クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳)

ئەبەسە

本章の趣旨:
تذكير الكافرين المستغنين عن ربهم ببراهين البعث.
ئۆز رەببىدىن بىھاجەت بولغان كاپىرلارغا دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئەسلىتىش. info

external-link copy
1 : 80

عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ

پەيغەمبەر (ئەلەيھىسسالام) چىرايىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 80

أَن جَآءَهُ ٱلۡأَعۡمَىٰ

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى بولۇپ، ئۆزىگە توغرا يولنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ شۇلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 80

وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ

ئەي پەيغەمبەر! سەن نېمە بىلىسەن؟ بۇ ئەما كىشى گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى مۇمكىن. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 80

أَوۡ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكۡرَىٰٓ

ياكى سەندىن ئاڭلىغان ۋەز - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ، مەنپەئەتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 80

أَمَّا مَنِ ٱسۡتَغۡنَىٰ

مال - مۈلكىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتىشتىن بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
6 : 80

فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ

سەن ئۇنىڭغا بېرىلىپ، يۈزلىنىپ كېتىسەن، info
التفاسير:

external-link copy
7 : 80

وَمَا عَلَيۡكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ

ئۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرىدىن پاكلانمىسا ساڭا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ info
التفاسير:

external-link copy
8 : 80

وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسۡعَىٰ

ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
9 : 80

وَهُوَ يَخۡشَىٰ

ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، info
التفاسير:

external-link copy
10 : 80

فَأَنتَ عَنۡهُ تَلَهَّىٰ

سەن بولساڭ مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنى دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسەن. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 80

كَلَّآ إِنَّهَا تَذۡكِرَةٞ

ئەسلى ئىش بۇنداق ئەمەس، پەقەتلا ئۇ قوبۇل قىلىدىغان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 80

فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ

ئاللاھ تائالادىن پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىشىنى خالىغان كىشى بۇ قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن پەند -نەسىھەت ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 80

فِي صُحُفٖ مُّكَرَّمَةٖ

دېمەك بۇ قۇرئان پەرىشتىلەرنىڭ قېشىدىكى ئۇلۇغ سەھىپىلەرگە پۈتۈلگەندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 80

مَّرۡفُوعَةٖ مُّطَهَّرَةِۭ

ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، كىر ۋە نىجاسەت يەتكۈزۈشكە بولمايدىغان پاك سەھىپىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 80

بِأَيۡدِي سَفَرَةٖ

ئۇ پەرىشتىلەردىن تاللانغان ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 80

كِرَامِۭ بَرَرَةٖ

ئۇ ئەلچىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك، ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلىرى كۆپتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 80

قُتِلَ ٱلۡإِنسَٰنُ مَآ أَكۡفَرَهُۥ

كاپىر ئىنسانغا لەنەت قىلىندى. ئۇنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇشى نېمىدېگەن قەبىھ!. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 80

مِنۡ أَيِّ شَيۡءٍ خَلَقَهُۥ

ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتىكى، يەر يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھقا كاپىر بولسۇن؟ info
التفاسير:

external-link copy
19 : 80

مِن نُّطۡفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ

ئاللاھ ئۇنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنى (بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ) پەيدىن - پەي ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 80

ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ

مۇشۇ باسقۇچلاردىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىقىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 80

ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقۡبَرَهُۥ

ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئۆمۈر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى ۋاپات تاپقۇزدى ھەمدە ئۇ تاكى قايتا تىرگۈزۈلگەنگە قەدەر قەبرىنى تۇرىدىغان جاي قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 80

ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ

ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 80

كَلَّا لَمَّا يَقۡضِ مَآ أَمَرَهُۥ

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ كاپىر گۇمان قىلغاندەك ئەمەسكى، ئۇ تېخىچە ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغىنى يوق، ئاللاھ ۋاجىب قىلغان پەرزلەرنى ئادا قىلغىنى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 80

فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ

ئاللاھقا كاپىر بولغان ئىنسان ئۆزى يەۋاتقان يېمەكلىكنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە قاراپ باقسۇن!. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 80

أَنَّا صَبَبۡنَا ٱلۡمَآءَ صَبّٗا

ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسماندىن كۈچ بىلەن مول ياغقان يامغۇردىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 80

ثُمَّ شَقَقۡنَا ٱلۡأَرۡضَ شَقّٗا

ئاندىن بىز زېمىننى ياردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەر يېرىپ چىقتى. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 80

فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا حَبّٗا

بىز زېمىندا بۇغداي، قوناق ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 80

وَعِنَبٗا وَقَضۡبٗا

زېمىندا يەنە ئۈزۈم ھەمدە چارىپايلىرىڭلارغا يەم بولسۇن ئۈچۈن ئوتياشلارنى ئۆستۈردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 80

وَزَيۡتُونٗا وَنَخۡلٗا

زەيتۇننى ۋە خورمىنى ئۆستۈردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 80

وَحَدَآئِقَ غُلۡبٗا

دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 80

وَفَٰكِهَةٗ وَأَبّٗا

مېۋىلەرنى ھەمدە چارىپايلىرىڭلارنى ئوتلىتىدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 80

مَّتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِأَنۡعَٰمِكُمۡ

بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 80

فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ

ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندىكى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا info
التفاسير:

external-link copy
34 : 80

يَوۡمَ يَفِرُّ ٱلۡمَرۡءُ مِنۡ أَخِيهِ

ئۇ كۈندە ئىنسان ئۆز قېرىندىشىدىن قاچىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 80

وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ

ئانىسىدىنمۇ، ئاتىسىدىنمۇ قاچىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 80

وَصَٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ

خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 80

لِكُلِّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ يَوۡمَئِذٖ شَأۡنٞ يُغۡنِيهِ

ئاشۇ كۈندىكى قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەر كىمنىڭ باشقىلارغا قاراشقا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان ھالى بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 80

وُجُوهٞ يَوۡمَئِذٖ مُّسۡفِرَةٞ

ئۇ كۈندە بەختلىك كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى (خۇشاللىقتىن) نۇرلۇق بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 80

ضَاحِكَةٞ مُّسۡتَبۡشِرَةٞ

ئاللاھ تەييارلىغان رەھمەتتىن خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 80

وَوُجُوهٞ يَوۡمَئِذٍ عَلَيۡهَا غَبَرَةٞ

ئۇ كۈندە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى توپا - چاڭ بېسىپ كەتكەندەك بوپكېتىدۇ. info
التفاسير:
本諸節の功徳:
• عتاب الله نبيَّه في شأن عبد الله بن أم مكتوم دل على أن القرآن من عند الله.
ئاللاھ تائالانىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئىشىدا ئۆز پەيغەمبىرىگە كايىغانلىقى بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. . info

• الاهتمام بطالب العلم والمُسْتَرْشِد.
ئىلىم ئۆگەنگۈچىگە ۋە توغرىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. info

• شدة أهوال يوم القيامة حيث لا ينشغل المرء إلا بنفسه، حتى الأنبياء يقولون: نفسي نفسي.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىرلىقى شۇ دەرىجىدىكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ھالى بىلەنلا قالىدۇ، ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ: نەپسىم، نەپسىم، دېيىشىدۇ. info

external-link copy
41 : 80

تَرۡهَقُهَا قَتَرَةٌ

نۇرغۇن يۈزلەر قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 80

أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَفَرَةُ ٱلۡفَجَرَةُ

مۇشۇ ھالەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر كۇپۇرلۇق بىلەن گۇناھكارلىقنى بىللە قىلغان كىشىلەردۇر. info
التفاسير:
本諸節の功徳:
• حَشْر المرء مع من يماثله في الخير أو الشرّ.
ئىنسانلار ياخشىلىق ياكى يامانلىقتا ئۆزىنىڭ قاياشلىرى بىلەن بىر يەرگە توپلىنىدۇ. info

• إذا كانت الموءُودة تُسأل فما بالك بالوائد؟ وهذا دليل على عظم الموقف.
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز سېنى كۆمگۈچى نېمىشقا كۆمدى؟ دەپ سورالغىنىغا قارىغاندا، قىيامەت مەيدانىدىكى ئەھۋالنىڭ ناھايىتى قىيىن بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. info

• مشيئة العبد تابعة لمشيئة الله.
بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ خالىشىغا چېتىشلىق بولىدۇ info