クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳)

مائارىج

本章の趣旨:
بيان حال وجزاء الخلق يوم القيامة.
خالايىقلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپىتى ۋە ئەھۋالىنى بايان قىلىش. info

external-link copy
1 : 70

سَأَلَ سَآئِلُۢ بِعَذَابٖ وَاقِعٖ

مۇشرىكلاردىن بىرى قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ئازابنى مەسخىرە قىلىپ، بۇ ئازاب زادى يۈز بېرىدىغان ئىش بولسا (تېزلا كەلسۇن دەپ) ئۆزىگە ۋە قەۋمىگە ئازاب تىلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 70

لِّلۡكَٰفِرِينَ لَيۡسَ لَهُۥ دَافِعٞ

ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۈچۈن بۇ ئازابنى قايتۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 70

مِّنَ ٱللَّهِ ذِي ٱلۡمَعَارِجِ

ئۇ ئازاب بارچە ئۈستۈنلۈك، مەرتىۋە، پەزىلەت ۋە نېئمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 70

تَعۡرُجُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥ خَمۡسِينَ أَلۡفَ سَنَةٖ

بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىل ئاشۇ دەرىجىلەرگە ئۆرلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 70

فَٱصۡبِرۡ صَبۡرٗا جَمِيلًا

ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە نالە - پەرياد قىلماستىن سەۋر قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 70

إِنَّهُمۡ يَرَوۡنَهُۥ بَعِيدٗا

كاپىرلار بۇ ئازابنىڭ يۈز بېرىشىنى رېئاللىقتىن يىراق سانايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 70

وَنَرَىٰهُ قَرِيبٗا

بىز بولساق ئۇ ئازابنى چوقۇم يېقىندا بولىدۇ، دەپ قارايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 70

يَوۡمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلۡمُهۡلِ

ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىق مېتاللاردەك بوپقالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 70

وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ

.تاغلار يەڭگىللىكتە ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
10 : 70

وَلَا يَسۡـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمٗا

ھەر كىم ئۆز ھالى بىلەن قالىدىغان بولغاچقا، يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلارمۇ ئۆزئارا ھال سوراشمايدۇ. info
التفاسير:
本諸節の功徳:
• تنزيه القرآن عن الشعر والكهانة.
قۇرئان كەرىم شېئىر ۋە كاھىنلىقتىن پاكتۇر. info

• خطر التَّقَوُّل على الله والافتراء عليه سبحانه.
ئاللاھقا يالغان ۋە بوھتانلارنى توقۇش خەتەرلىكتۇر. info

• الصبر الجميل الذي يحتسب فيه الأجر من الله ولا يُشكى لغيره.
چىرايلىقچە سەۋر قىلىش دېگەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقتۇر. info