クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳)

ھۇجۇرات

本章の趣旨:
معالجة اللسان وبيان أثره على إيمان الفرد وأخلاق المجتمع.
تىلىنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ ئەھمىيتىى، تىلنىڭ شەخسنىڭ ئىمانىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىغا بولغان تەسىرىنى بايان قىلىش. info

external-link copy
1 : 49

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيِ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! مەيلى گەپ - سۆز، مەيلى ئىش - ھەرىكەتتە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا گەپ - سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلاردىن ھېچنەرسە يوقاپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە شۇ گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 49

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَرۡفَعُوٓاْ أَصۡوَٰتَكُمۡ فَوۡقَ صَوۡتِ ٱلنَّبِيِّ وَلَا تَجۡهَرُواْ لَهُۥ بِٱلۡقَوۡلِ كَجَهۡرِ بَعۡضِكُمۡ لِبَعۡضٍ أَن تَحۡبَطَ أَعۡمَٰلُكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تَشۡعُرُونَ

ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئەدەبلىك بولۇڭلار، ئۇنىڭغا گەپ قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، خۇددى بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل چاقىرماي، ئۇنى پەيغەمبەرلىكى ۋە ئەلچىلىكىگە لايىق رەۋىشتە سىلىق ئىبارىلەر بىلەن چاقىرىڭلار. چۈنكى مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزۈڭلەرمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى بىكار بوپكېتىش خەۋپى بار. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 49

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصۡوَٰتَهُمۡ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱمۡتَحَنَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمۡ لِلتَّقۡوَىٰۚ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٌ عَظِيمٌ

شەكسىزكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يېنىدا ئاۋازىنى پەس قىلغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى تەقۋالىق ئۈچۈن سىنىغان ھەمدە ئۇلارنى تەقۋادارلىققا خاس قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار جازاغا تارتىلمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كاتتا ساۋاب بېرىلىدۇكى، ئۇ ساۋاب ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىشىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 49

إِنَّ ٱلَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِن وَرَآءِ ٱلۡحُجُرَٰتِ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى ئاياللىرىڭنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن توۋلايدىغان ئەئرابىيلارنىڭ كۆپىنچىسى چۈشەنمەيدۇ. info
التفاسير:
本諸節の功徳:
• تشرع الرحمة مع المؤمن، والشدة مع الكافر المحارب.
بۇ ئايەتلەر مۇئمىنگە مېھىر - شەپقەتلىك بولۇش ۋە دۈشمەن كاپىرلارغا قاتتىق قول بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. info

• التماسك والتعاون من أخلاق أصحابه صلى الله عليه وسلم.
ئۇيۇشقاقلىق ۋە ھەمكارلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئەخلاقىدىندۇر. info

• من يجد في قلبه كرهًا للصحابة الكرام يُخْشى عليه من الكفر.
ساھابە كىراملارنى قەلبىدە ئۆچ كۆرگەن كىشىنىڭ كاپىر بوپكېتىش خەۋپى بار. info

• وجوب التأدب مع رسول الله صلى الله عليه وسلم، ومع سُنَّته، ومع ورثته (العلماء).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالارغا نىسبەتەن ئەدەبلىك بولۇش. info