Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione iugura - Muhammad Saleh

Numero di pagina:close

external-link copy
109 : 5

۞ يَوۡمَ يَجۡمَعُ ٱللَّهُ ٱلرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَآ أُجِبۡتُمۡۖ قَالُواْ لَا عِلۡمَ لَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ

ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ[109]. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 5

إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱذۡكُرۡ نِعۡمَتِي عَلَيۡكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذۡ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗاۖ وَإِذۡ عَلَّمۡتُكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَۖ وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ وَتُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ تُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ كَفَفۡتُ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَنكَ إِذۡ جِئۡتَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى[110]. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 5

وَإِذۡ أَوۡحَيۡتُ إِلَى ٱلۡحَوَارِيِّـۧنَ أَنۡ ءَامِنُواْ بِي وَبِرَسُولِي قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَٱشۡهَدۡ بِأَنَّنَا مُسۡلِمُونَ

ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111]. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 5

إِذۡ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ هَلۡ يَسۡتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيۡنَا مَآئِدَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِۖ قَالَ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112]. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 5

قَالُواْ نُرِيدُ أَن نَّأۡكُلَ مِنۡهَا وَتَطۡمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعۡلَمَ أَن قَدۡ صَدَقۡتَنَا وَنَكُونَ عَلَيۡهَا مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ

ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113]. info
التفاسير: