Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione iugura - Muhammad Saleh

Numero di pagina:close

external-link copy
27 : 4

وَٱللَّهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيۡكُمۡ وَيُرِيدُ ٱلَّذِينَ يَتَّبِعُونَ ٱلشَّهَوَٰتِ أَن تَمِيلُواْ مَيۡلًا عَظِيمٗا

ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 4

يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُخَفِّفَ عَنكُمۡۚ وَخُلِقَ ٱلۡإِنسَٰنُ ضَعِيفٗا

ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىنى تىزگىنلەشتىن) ئاجىز يارىتىلدى[28]. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 4

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً عَن تَرَاضٖ مِّنكُمۡۚ وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا

ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[29]. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 4

وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ عُدۡوَٰنٗا وَظُلۡمٗا فَسَوۡفَ نُصۡلِيهِ نَارٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا

كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30]. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 4

إِن تَجۡتَنِبُواْ كَبَآئِرَ مَا تُنۡهَوۡنَ عَنۡهُ نُكَفِّرۡ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَنُدۡخِلۡكُم مُّدۡخَلٗا كَرِيمٗا

ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز[31]. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 4

وَلَا تَتَمَنَّوۡاْ مَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بِهِۦ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبُواْۖ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبۡنَۚ وَسۡـَٔلُواْ ٱللَّهَ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[32]. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 4

وَلِكُلّٖ جَعَلۡنَا مَوَٰلِيَ مِمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَۚ وَٱلَّذِينَ عَقَدَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَـَٔاتُوهُمۡ نَصِيبَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدًا

ھەر بىر ئادەمنىڭ قالدۇرغان تەرەكىسى ئۈچۈن ۋارىسلار تەيىنلىدۇق، ئۇلار ئاتا ـ ئانىلار ۋە يېقىنلاردۇر. سىلەر بىلەن (ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە مىراسخور بولۇشقا) ئەھدۇپەيمان قىلىشقان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (مىراستىن) ھەسسىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بايقاپ تۇرغۇچىدۇر[33]. info
التفاسير: