Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

external-link copy
24 : 47

أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلۡقُرۡءَانَ أَمۡ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقۡفَالُهَآ

قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كىشىلەر قۇرئان ھەققىدە ئويلىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئويلىنىپ باققان بولسا ئىدى، قۇرئان ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەر قانداق ياخشىلىققا يېتەكلەپ، ھەر قانداق يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرغان بولاتتى. ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە قۇلۇپلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى پەند - نەسىھەت كىرمەيدىغان ۋە مەنپەئەت قىلمايدىغان دەرىجىدە مەھكەم ئېتىلىپ قالغانمۇ؟ info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• التكليف بالجهاد في سبيل الله يميّز المنافقين من صفّ المؤمنين.
ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا تەكلىپ قىلىش مۇناپىقلارنى مۇئمىنلەرنىڭ سېپىدىن ئايرىيدۇ. info

• أهمية تدبر كتاب الله، وخطر الإعراض عنه.
ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش مۇھىم بولغاندەك، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشمۇ خەتەرلىكتۇر. info

• الإفساد في الأرض وقطع الأرحام من أسباب قلة التوفيق والبعد عن رحمة الله.
يەر يۈزىدە بۇرۇقچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش ھەقكە ئاز مۇۋەپپەق قىلىنىش ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇش سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. info