Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

Numero di pagina:close

external-link copy
11 : 42

فَاطِرُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ أَزۡوَٰجٗا يَذۡرَؤُكُمۡ فِيهِۚ لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتتى، سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپتلەرنى ياراتتى، تۆگە، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلارنىمۇ سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن كۆپەيسۇن دەپ جۈپ قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئۆزئارا توي قىلىش ئارقىلىق جۈپلىشىشىڭلاردىن يارىتىدۇ ھەمدە سىلەرنى چارىپايلىرىڭلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ، سۈتلىرىنى ئىچىشىڭلار ئارقىلىق ياشىتىدۇ. ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلاردىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ، يەنى ئەگەر ئەمەللىرى ياخشى بولسا مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئەمەللىرى يامان بولسا جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 42

لَهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. يەنە سەۋر قىلامدۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازى بولامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 42

۞ شَرَعَ لَكُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِۦ نُوحٗا وَٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ وَمَا وَصَّيۡنَا بِهِۦٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰٓۖ أَنۡ أَقِيمُواْ ٱلدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُواْ فِيهِۚ كَبُرَ عَلَى ٱلۡمُشۡرِكِينَ مَا تَدۡعُوهُمۡ إِلَيۡهِۚ ٱللَّهُ يَجۡتَبِيٓ إِلَيۡهِ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِيٓ إِلَيۡهِ مَن يُنِيبُ

ئاللاھ تائالا دىندا يەتكۈزۈش ۋە ئەمەل قىلىش ئىشىدا نۇھنى نېمىگە بۇيرۇغان بولسا سىلەرگىمۇ شۇنى يولغا قويدى. ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان ھەمدە سىلەر ئۈچۈن يولغا قويغىنىمىز، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسالارنى يەتكۈزۈشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىنىڭ ئۆزىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇ: دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنۈشنى تاشلاڭلار، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. سېنىڭ ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ھەم ئۇنىڭ باشقىسىغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا دەۋەت قىلغانلىقىنىڭ مۇشرىكلارغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى. ئاللاھ بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنى تاللاپ، ئۆزىگە قۇلچىلىق ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتقانلارنى ھىدايەتكە باشلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 42

وَمَا تَفَرَّقُوٓاْ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةٞ سَبَقَتۡ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى لَّقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُورِثُواْ ٱلۡكِتَٰبَ مِنۢ بَعۡدِهِمۡ لَفِي شَكّٖ مِّنۡهُ مُرِيبٖ

كاپىرلار ۋە مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈشى پەقەت ھەددىدىن ئاشقانلىق ۋە زۇلۇق قىلغانلىق سەۋەبىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈش پۈتۈلمىسە ئىدى، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابلىغان بولاتتى. شەكسىزكى يەھۇدىيلار ئىچىدىن تەۋراتنى، ناسارالار ئىچىدىن ئىنجىلنى ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىدىن ۋە ئاشۇ مۇشرىكلاردىن مىراس ئالغانلار ئەلۋەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بۇ قۇرئاندىن شەكتە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى يالغانغا چىقىرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 42

فَلِذَٰلِكَ فَٱدۡعُۖ وَٱسۡتَقِمۡ كَمَآ أُمِرۡتَۖ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَهُمۡۖ وَقُلۡ ءَامَنتُ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِن كِتَٰبٖۖ وَأُمِرۡتُ لِأَعۡدِلَ بَيۡنَكُمُۖ ٱللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمۡۖ لَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡۖ لَا حُجَّةَ بَيۡنَنَا وَبَيۡنَكُمُۖ ٱللَّهُ يَجۡمَعُ بَيۡنَنَاۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

سەن مۇشۇ توغرا دىنغا دەۋەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىن، ئۇلارنىڭ ساختا خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىپ قالغىنىڭدا ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھقا، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم. ئاللاھ مېنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇدى. مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر. دەلىل - پاكىت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ئارىمىزدا تالاشقۇدەك ئىش يوق. توغرا يول ئېنىق بولدى. ئاللاھ ھەممىمىزنى بىر يەرگە يىغىدۇ. قىيامەت كۈنى قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. ئۇ ھەر بىرىمىزگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئاشۇ چاغدا راستچىل يالغانچىدىن، توغرا خاتادىن ئايرىلىدۇ. info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• دين الأنبياء في أصوله دين واحد.
بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىنىڭ ئاساسى بىردۇر. info

• أهمية وحدة الكلمة، وخطر الاختلاف فيها.
سۆزدە بىرلىك ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىختىلاپ خەتەرلىكتۇر. info

• من مقومات نجاح الدعوة إلى الله: صحة المبدأ، والاستقامة عليه، والبعد عن اتباع الأهواء، والعدل، والتركيز على المشترك، وترك الجدال العقيم، والتذكير بالمصير المشترك.
توغرا پىرىنسىپ بولۇش ۋە پىرىنسىپتا تەۋرەنمەي تۇرۇش، ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىشتىن يىراق تۇرۇش، ئادىل بولۇش، ئورتاق تەرەپلەرگە مەركەزلىشىش، پايدىسىز دەتالاش قىلماسلىق ۋە ئورتاق ئاقىۋەتنى ئەسلىتىش ئاللاھقا بولغان دەۋەتنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىدىندۇر. info