Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

external-link copy
17 : 40

ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَىٰ كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡۚ لَا ظُلۡمَ ٱلۡيَوۡمَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ

بۇ كۈندە ھەر كىم قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يەنى ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامان ئەمەل قىلغان بولسا جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ كۈندە قىلچە ئۇۋالچىلىق بولمايدۇ. چۈنكى ھۆكۈم قىلغۇچى ئادالەتلىك ئاللاھتۇر. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• التذكير بيوم القيامة من أعظم الروادع عن المعاصي.
قىيامەت كۈنىنى ئەسلىتىش گۇناھ مەئسىيەتلەردىن چەكلەشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئامىللاردىن بىرىدۇر. info

• إحاطة علم الله بأعمال عباده؛ خَفِيَّة كانت أم ظاهرة.
ئاللاھ مەيلى مەخپىي بولسۇن ياكى ئاشكارا بولسۇن، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ. info

• الأمر بالسير في الأرض للاتعاظ بحال المشركين الذين أهلكوا.
ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەيرە قىلىش. info