Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

external-link copy
9 : 2

يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَمَا يَخۡدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ

ئۇلار نادانلىقىدىن ئىماننى ئاشكارا قىلىپ، كۇپىرنى يوشۇرۇپ ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىدۇق دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• أن من طبع الله على قلوبهم بسبب عنادهم وتكذيبهم لا تنفع معهم الآيات وإن عظمت.
كۇپۇرلۇق ۋە گەردەنكەشلىك سەۋەبىدىن ئاللاھ دىللىرىغا پېچەت ئۇرىۋەتكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەرقانچە كاتتا بولسىمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ info

• أن إمهال الله تعالى للظالمين المكذبين لم يكن عن غفلة أو عجز عنهم، بل ليزدادوا إثمًا، فتكون عقوبتهم أعظم.
ئاللاھ تائالانىڭ زالىملار ۋە ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا مۆھلەت بېرىشى بىپەرۋالىق ۋە ئامالسىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھىنى زىيادە قىلىپ، جازاسىنى ئېغىرلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر info