Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

Numero di pagina:close

external-link copy
30 : 2

وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي جَاعِلٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ خَلِيفَةٗۖ قَالُوٓاْ أَتَجۡعَلُ فِيهَا مَن يُفۡسِدُ فِيهَا وَيَسۡفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحۡنُ نُسَبِّحُ بِحَمۡدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَۖ قَالَ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ئۆزىنىڭ زېمىندا ئىنسان يارىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئورۇنباسار بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالادىن(بىلىش ۋە توغرا يول تېپىش مەقسىتىدە) زېمىندا ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئورۇنباسار قىلىپ يارىتىشنىڭ ھېكمىتىنى سوراپ، ئۇلار زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ناھەق قان تۆكىدۇ، بىز بولساق ساڭا ئىتائەت قىلىمىز، سېنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز، توختىماستىن سېنى يۈكسەكلىكىڭ ۋە مۇكەممەللىكىڭ بىلەن ئۇلۇغلايمىز دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: مەن ئۇلارنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەت ۋە ئۇلارنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولغان پارلاق ھېكمەتتىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن دەيدۇ info
التفاسير:

external-link copy
31 : 2

وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلۡأَسۡمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمۡ عَلَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِي بِأَسۡمَآءِ هَٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئىسىم-ئاتالغۇلىرى ۋە مەنالىرىنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئىسىملىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلدۇرۇلگەن نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسۈتۈپ: سىلەر ئۆز قارىشىڭلاردا بىز بۇ مەخلۇقتىن ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسملىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 2

قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ لَا عِلۡمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمۡتَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، پەزلى-ھېكمەتنى ئاللاھقا قايتۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى پاك دەپ ئۇلۇغلايمىز، سېنىڭ ھۆكمىڭ ۋە قانۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمەيمىز، بىز سەن بىزگە ئىلىمدىن تەلىم بەرگەن نەرسىنى بىلىمىز، سەن بارلىق نەرسىلەرنى بىلىسەن، قانۇنىڭ ۋە قۇدرىتىڭدىن ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويىدىغان ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 2

قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئۡهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ غَيۡبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَأَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا كُنتُمۡ تَكۡتُمُونَ

شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: پەرىشتىلەرگە بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىدىن خەۋەر بەرگىن دەيدۇ، ئادەم ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەلىم بەرگەندەك خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە: مەن سىلەرگە ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئىشىڭلاردىن ئاشكارا ۋە كۆڭلۈڭلەردە يوشۇرغاننىمۇ بىلىپ تۇرىمەن دېمىگەنمىدىم، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 2

وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰ وَٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت-ئېھتىرام سەجدىسى قىلىشقا بۇيرىغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا ئالدىراپ تىزدىن سەجدە قىلدى، جىنلاردىن بولغان ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئادەمگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچىلاردىن بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 2

وَقُلۡنَا يَٰٓـَٔادَمُ ٱسۡكُنۡ أَنتَ وَزَوۡجُكَ ٱلۡجَنَّةَ وَكُلَا مِنۡهَا رَغَدًا حَيۡثُ شِئۡتُمَا وَلَا تَقۡرَبَا هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

بىز ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتتىكى نەرسىلەردىن قېينالماستىن كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار. سىلەر مېۋىسىنى يېيىشتىن چەكلەنگەن مۇشۇ دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا بۇيرۇقۇمغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 2

فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيۡطَٰنُ عَنۡهَا فَأَخۡرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِۖ وَقُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ

شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەبىھ ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەتتا ئاللاھ ئۇلارنى يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈش ئارقىلىق خاتالاشتۇردى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى جازالاپ جەننەتتىن چىقاردى، ئۇ ئىككىسىگە ۋە شەيتانغا: بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالەتتە زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەر زېمىندا ئەجىلىڭلار توشۇپ، قىيامەت بولغانغا قەدەر زېمىندىكى نېمەتلەردىن مەنپەئەتلىنىڭلار دېدى info
التفاسير:

external-link copy
37 : 2

فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَٰتٖ فَتَابَ عَلَيۡهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ

ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى، ئۇ دۇئالار ئىلھام ئارقىلىق بلدۈرۈلدى، ئۇ سۆزلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: «ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز، دېدى» [ئەئراپ سۈرىسى 23-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايتى مېھرىباندۇر info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• الواجب على المؤمن إذا خفيت عليه حكمة الله في بعض خلقه وأَمْرِهِ أن يسلِّم لله في خلقه وأَمْرِهِ.
مۆئمىنگە ئاللاھنىڭ پەيدا قىلىش ۋە بۇيرىقىدىكى بەزى ھېكمەت بىلىنمىگەندىمۇ، يارىتىش ۋە بۇيرۇق ئىشلىرىدا ئاللاھغا ئىشىنىشى ۋاجىب بولىدۇ info

• رَفَعَ القرآن الكريم منزلة العلم، وجعله سببًا للتفضيل بين الخلق.
قۇرئان كەرىم ئىلىمنىڭ ئورنىنى ئالى قىلدى ۋە ئىلىمنى خالايىقلار ئارىسىدىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ سەۋەبى قىلدى info

• الكِبْرُ هو رأس المعاصي، وأساس كل بلاء ينزل بالخلق، وهو أول معصية عُصِيَ الله بها.
تەكەببۇرلۇق بولسا ئاسىيلىقنىڭ باشلىنىشى، ئىنسانلارغا يېتىدىغان بارلىق بالا-مۇسىبەتنىڭ ئاساسىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا قېلىنغان تۇنجى ئاسىيلىقتۇر info