Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Berbahasa Uyghur - Muhammad Saleh

Nomor Halaman:close

external-link copy
179 : 7

وَلَقَدۡ ذَرَأۡنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِۖ لَهُمۡ قُلُوبٞ لَّا يَفۡقَهُونَ بِهَا وَلَهُمۡ أَعۡيُنٞ لَّا يُبۡصِرُونَ بِهَا وَلَهُمۡ ءَاذَانٞ لَّا يَسۡمَعُونَ بِهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡغَٰفِلُونَ

شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر[179]. info
التفاسير:

external-link copy
180 : 7

وَلِلَّهِ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ فَٱدۡعُوهُ بِهَاۖ وَذَرُواْ ٱلَّذِينَ يُلۡحِدُونَ فِيٓ أَسۡمَٰٓئِهِۦۚ سَيُجۡزَوۡنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[180]. info
التفاسير:

external-link copy
181 : 7

وَمِمَّنۡ خَلَقۡنَآ أُمَّةٞ يَهۡدُونَ بِٱلۡحَقِّ وَبِهِۦ يَعۡدِلُونَ

بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار[181]. info
التفاسير:

external-link copy
182 : 7

وَٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز[182]. info
التفاسير:

external-link copy
183 : 7

وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ

ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر[183]. info
التفاسير:

external-link copy
184 : 7

أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْۗ مَا بِصَاحِبِهِم مِّن جِنَّةٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٌ

ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[184]. info
التفاسير:

external-link copy
185 : 7

أَوَلَمۡ يَنظُرُواْ فِي مَلَكُوتِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ وَأَنۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَدِ ٱقۡتَرَبَ أَجَلُهُمۡۖ فَبِأَيِّ حَدِيثِۭ بَعۡدَهُۥ يُؤۡمِنُونَ

ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟[185] info
التفاسير:

external-link copy
186 : 7

مَن يُضۡلِلِ ٱللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُۥۚ وَيَذَرُهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ

ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ[186]. info
التفاسير:

external-link copy
187 : 7

يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرۡسَىٰهَاۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ رَبِّيۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقۡتِهَآ إِلَّا هُوَۚ ثَقُلَتۡ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَا تَأۡتِيكُمۡ إِلَّا بَغۡتَةٗۗ يَسۡـَٔلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنۡهَاۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ ٱللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ[187]. info
التفاسير: