Terjemahan makna Alquran Alkarim - Terjemahan Berbahasa Uyghur - Muhammad Saleh

Nomor Halaman:close

external-link copy
105 : 7

حَقِيقٌ عَلَىٰٓ أَن لَّآ أَقُولَ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ قَدۡ جِئۡتُكُم بِبَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَرۡسِلۡ مَعِيَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ

ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»[105]. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 7

قَالَ إِن كُنتَ جِئۡتَ بِـَٔايَةٖ فَأۡتِ بِهَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى[106]. info
التفاسير:

external-link copy
107 : 7

فَأَلۡقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعۡبَانٞ مُّبِينٞ

مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى[107]. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 7

وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِيَ بَيۡضَآءُ لِلنَّٰظِرِينَ

قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[108]. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 7

قَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِ فِرۡعَوۡنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٌ عَلِيمٞ

پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن[109]. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 7

يُرِيدُ أَن يُخۡرِجَكُم مِّنۡ أَرۡضِكُمۡۖ فَمَاذَا تَأۡمُرُونَ

ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»[110] info
التفاسير:

external-link copy
111 : 7

قَالُوٓاْ أَرۡجِهۡ وَأَخَاهُ وَأَرۡسِلۡ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ

ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن[111]. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 7

يَأۡتُوكَ بِكُلِّ سَٰحِرٍ عَلِيمٖ

ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»[112]. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 7

وَجَآءَ ٱلسَّحَرَةُ فِرۡعَوۡنَ قَالُوٓاْ إِنَّ لَنَا لَأَجۡرًا إِن كُنَّا نَحۡنُ ٱلۡغَٰلِبِينَ

(پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى[113]. info
التفاسير:

external-link copy
114 : 7

قَالَ نَعَمۡ وَإِنَّكُمۡ لَمِنَ ٱلۡمُقَرَّبِينَ

پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى[114]. info
التفاسير:

external-link copy
115 : 7

قَالُواْ يَٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلۡقِيَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ نَحۡنُ ٱلۡمُلۡقِينَ

ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى[115]. info
التفاسير:

external-link copy
116 : 7

قَالَ أَلۡقُواْۖ فَلَمَّآ أَلۡقَوۡاْ سَحَرُوٓاْ أَعۡيُنَ ٱلنَّاسِ وَٱسۡتَرۡهَبُوهُمۡ وَجَآءُو بِسِحۡرٍ عَظِيمٖ

مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى[116]. info
التفاسير:

external-link copy
117 : 7

۞ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَلۡقِ عَصَاكَۖ فَإِذَا هِيَ تَلۡقَفُ مَا يَأۡفِكُونَ

مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى[117]. info
التفاسير:

external-link copy
118 : 7

فَوَقَعَ ٱلۡحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى[118]. info
التفاسير:

external-link copy
119 : 7

فَغُلِبُواْ هُنَالِكَ وَٱنقَلَبُواْ صَٰغِرِينَ

بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى)[119]. info
التفاسير:

external-link copy
120 : 7

وَأُلۡقِيَ ٱلسَّحَرَةُ سَٰجِدِينَ

سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى[120]. info
التفاسير: