क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या:close

external-link copy
149 : 3

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تُطِيعُواْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَرُدُّوكُمۡ عَلَىٰٓ أَعۡقَٰبِكُمۡ فَتَنقَلِبُواْ خَٰسِرِينَ

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر!، ئەگەر سىلەر يەھۇدىي-ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلارنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن قايتىدىن كۇپىرغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
150 : 3

بَلِ ٱللَّهُ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلنَّٰصِرِينَ

گەرچە سىلەر ئاشۇ كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلارمۇ، ئۇلار ھەرگىز سىلەرگە ياردەم بەرمەيدۇ. بەلكى دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى سىلەرگە پەقەت ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
151 : 3

سَنُلۡقِي فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلرُّعۡبَ بِمَآ أَشۡرَكُواْ بِٱللَّهِ مَا لَمۡ يُنَزِّلۡ بِهِۦ سُلۡطَٰنٗاۖ وَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ وَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلظَّٰلِمِينَ

ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەرنىڭ دىللىرىغا قاتتىق قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلار ھېچ قانداق دەلىلى بولمىغان ئۆز خاھىشلىرى بىلەن چوقۇنغان ئىلاھلىرىنى يەككە-يېگانە ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن سىلەرگە قارشى ئۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ بارىدىغان قارارگاھى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى بولغان دوزاخ ھەقىقەتەن يامان جايدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
152 : 3

وَلَقَدۡ صَدَقَكُمُ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥٓ إِذۡ تَحُسُّونَهُم بِإِذۡنِهِۦۖ حَتَّىٰٓ إِذَا فَشِلۡتُمۡ وَتَنَٰزَعۡتُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِ وَعَصَيۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ مَآ أَرَىٰكُم مَّا تُحِبُّونَۚ مِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلدُّنۡيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۚ ثُمَّ صَرَفَكُمۡ عَنۡهُمۡ لِيَبۡتَلِيَكُمۡۖ وَلَقَدۡ عَفَا عَنكُمۡۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ئۇھۇد كۈنىدە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلارغا قارشى قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىدىڭلار، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ مىدىرلىماي تۇرۇشىڭلارنى بۇيرىغان ئورۇندىن بوشاشقان ۋاقىتتا، ئاجىزلىشىپ قالدىڭلار، ئورنۇڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇش ياكى ئورۇننى تاشلاپ غەنىمەت توپلاش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىشتىڭلار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ھالەتتە ئورنۇڭلاردىن تەۋرەنمەڭلار دېگەن بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار، بۇ ۋەقە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشتىن ئىبارەت سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى كۆرگەندىن كېيىن يۈز بەردى، سىلەردىن دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئورنىنى تەرك قىلدى، سىلەردىن ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى مەخسەت قىلغۇچىلار بار، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇردى، ئاندىن ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى ئۆزگەرتتى، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كاپىرلارنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بالا-مۇسىيبەت يەتكەندە بوشىشىپ، ھەق يولدىن تېيىلىپ كېتىدىغان مۇئمىنلار بىلەن، تالاپەت يەتكەندە سەۋىر قىلىدىغان ھەقىقى مۇئمىنلەر ئاشكارا بولدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىشتا كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە مۇسىيبەتلىرىگە ساۋاپ بەرگۈچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
153 : 3

۞ إِذۡ تُصۡعِدُونَ وَلَا تَلۡوُۥنَ عَلَىٰٓ أَحَدٖ وَٱلرَّسُولُ يَدۡعُوكُمۡ فِيٓ أُخۡرَىٰكُمۡ فَأَثَٰبَكُمۡ غَمَّۢا بِغَمّٖ لِّكَيۡلَا تَحۡزَنُواْ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمۡ وَلَا مَآ أَصَٰبَكُمۡۗ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ

ئى مۆمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئوھۇد مەيدانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان ۋاقتىڭلاردا يىراققا قاچتىڭلار، سىلەردىن ھېچ بىرىڭلار يەنە بىرىگە قارىيالمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئالدى تەرىپىدە تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار دەيتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى غەلبە-نۇسرەت، غەنىمەتنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت دەرت-ئەلەم ۋە قېيىنچىلىق بىلەن جازالىدى، بۇنىڭغا قېتىلىپ ئاراڭلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى دېگەن خەۋەر تارقالدى، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى سىلەرنىڭ غەلبە ۋە غەنىمەتتىن يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرلمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىق بارلىق مۇسىبەت، دەرت-ئەلەملەر ئاددى بىلىندى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭلار ۋە قەلبىڭلاردىكى ھېچ بىر ئىش ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ. info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• التحذير من طاعة الكفار والسير في أهوائهم، فعاقبة ذلك الخسران في الدنيا والآخرة.
كاپىرلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك، بۇنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتىشتۇر. info

• إلقاء الرعب في قلوب أعداء الله صورةٌ من صور نصر الله لأوليائه المؤمنين.
دۈشمەنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ قورقۇنچ تاشلىشى بولسا، ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرى بولغان مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ بىر كۆرۈنىشىدۇر. info

• من أعظم أسباب الهزيمة في المعركة التعلق بالدنيا والطمع في مغانمها، ومخالفة أمر قائد الجيش.
ئۇرۇش مەيدانىدا مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن: قەلبنىڭ دۇنياغا ئالاقىدار بولىشى ۋە غەنىمەتنى تاما قىلىشى، قومانداننىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. info

• من دلائل فضل الصحابة أن الله يعقب بالمغفرة بعد ذكر خطئهم.
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتىنىڭ دەلىللىرىدىن: ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى زىكىر قىلغاندىن كېيىنلا كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. info