क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या:close

external-link copy
92 : 3

لَن تَنَالُواْ ٱلۡبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُواْ مِمَّا تُحِبُّونَۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلاردىن ئۆزۇڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمۇغۇچە ياخشىلىقنىڭ ساۋابىغا ۋە ياخشىلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلار ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەمىلىگە قارىتا جازا- مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
93 : 3

۞ كُلُّ ٱلطَّعَامِ كَانَ حِلّٗا لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسۡرَٰٓءِيلُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ مِن قَبۡلِ أَن تُنَزَّلَ ٱلتَّوۡرَىٰةُۚ قُلۡ فَأۡتُواْ بِٱلتَّوۡرَىٰةِ فَٱتۡلُوهَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق پاكىزە يېمەكلىكلەر ھالال قىلىنغان بولۇپ، تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى پەقەت يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھارام قىلغان يىمەكلىكتىن باشقا يېمەكلىكلەر ھارام قىلىنمىغان، يەھۇدىيلار ئويلىغاندەك بۇ يېمەكلىكلەر تەۋراتتا ھارام قىلىنمىغان. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر مۇشۇ دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇڭلار دېگىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىمى تۇتۇلۇپ، تەۋراتنى ئىلىپ كەلمەيدۇ، مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتقا يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
94 : 3

فَمَنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ھەق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى يوق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى پەقەت يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھارام قىلدى. شۇ كىشىلەر ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ھەقكە ئەگىشىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم .قىلغان زالىملاردۇر info
التفاسير:

external-link copy
95 : 3

قُلۡ صَدَقَ ٱللَّهُۗ فَٱتَّبِعُواْ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يەئقۇب ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا، نازىل قىلغان ۋە يولغا قويغان پرىنسىپى توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرى راستتتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بارلىق باتىل دىنلاردىن ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا مايىل بولغان، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك .كەلتۈرمىگەن info
التفاسير:

external-link copy
96 : 3

إِنَّ أَوَّلَ بَيۡتٖ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكٗا وَهُدٗى لِّلۡعَٰلَمِينَ

ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا زېمىندا تۇنجى سېلىنغان ئۆي، مەككە شەھرىدىكى ئاللاھنىڭ ھەرىمى بولغان بەيتۇللاھدۇر. ئۇ مۇبارەك ئۆيدۇر، دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى كۆپتۇر، .ئۇنىڭدا پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ھىدايەت باردۇر info
التفاسير:

external-link copy
97 : 3

فِيهِ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ مَّقَامُ إِبۡرَٰهِيمَۖ وَمَن دَخَلَهُۥ كَانَ ءَامِنٗاۗ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ

بۇ ئۆيدە ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ئوخشاش ئۇنىڭ شەرىپى ۋە پەزىلىتىىنى ئىپادىلەيدىغان روشەن ئالامەتلەر باردۇر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ تېمىنى قوپۇرىۋاتقاندا دەسسەپ تۇرغان تاشمۇ(يەنى ماقامى ئىبراھىم) مۇشۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنە بەيتۇللاھغا كىرگەن كىشىدە قورقۇنچ بولمايدۇ، ئەزىيەتكە ئۇچرىمايدۇ، ھەرەمكە كېلىشكە قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەج پائالىيتىنى ئادا قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىشى پەرز قىلىندى، كىمكى ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ بۇ ئىنكارچى كاپىردىن ۋە پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ئىبادىتىدىن بىھاجەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
98 : 3

قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعۡمَلُونَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتاب! تەۋرات-ئىنجىلدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ۋە ھۆججەتلەر بار تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىلىسىلەر؟. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا شاھىتتۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 3

قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ تَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَأَنتُمۡ شُهَدَآءُۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتىقىنكى: يەھۇدىي-ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن كىشىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەكلەيسىلەر؟، كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن ھەقتىن باتىلغا بۇرايدىغان ئازغۇنلۇق تەلەپ قىلىسىلەر؟، ھالبۇكى سىلەر بۇ دىننىڭ ھەق ۋە سىلەرنىڭ كىتابىڭلارنى تەستىقلىغۇچى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىسىلەر!؟. ئاللاھ سىلەرنىڭ بۇ كۇپىر قىلمىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ يولىدىن توسقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
100 : 3

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تُطِيعُواْ فَرِيقٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ يَرُدُّوكُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡ كَٰفِرِينَ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! ئەگەر يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولۇپ ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇمانى قارىشىنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار قەلبلىرىدىكى ھەسەت ۋە توغرا يولدىن ئازغانلىق سەۋەبىدىن كۇپرىغا .قايتۇرىدۇ info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• كَذِبُ اليهود على الله تعالى وأنبيائه، ومن كذبهم زعمهم أن تحريم يعقوب عليه السلام لبعض الأطعمة نزلت به التوراة.
يەھۇدىيلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ يالغانلىرىدىن: يەئقۇب ئەلەيھىسسالام تەۋراتتا نازىل بولغان .بەزى يېمەكلىكلەرنى ھارام قىلدى، دېگەن گۇمانى قارىشىدۇر info

• أعظم أماكن العبادة وأشرفها البيت الحرام، فهو أول بيت وضع لعبادة الله، وفيه من الخصائص ما ليس في سواه.
ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە شەرەپلىكرەكى بەيتۇل ھەرەمدۇر، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن زېمىندا بىنا قىلىنغان تۇنجى .ئۆيدۇر، ئۇنىڭدا باشقا جايلاردا بولمىغان نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلەر بار info

• ذَكَرَ الله وجوب الحج بأوكد ألفاظ الوجوب تأكيدًا لوجوبه.
ئاللاھ تائالا ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەرز .ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى info