क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या:close

external-link copy
58 : 2

وَإِذۡ قُلۡنَا ٱدۡخُلُواْ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةَ فَكُلُواْ مِنۡهَا حَيۡثُ شِئۡتُمۡ رَغَدٗا وَٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا وَقُولُواْ حِطَّةٞ نَّغۡفِرۡ لَكُمۡ خَطَٰيَٰكُمۡۚ وَسَنَزِيدُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە: بەتۇلمەقەددەس شەھرىگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار، بەيتۇلمەقەددەس دەرۋازىسىدىن ئاللاھقا بويسۇنۈش يۈزىسىدىن سەجدە قىلغان ھالەتتە كىرىڭلار ۋە ئاللاھقا يېلىنىپ: پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلىمىز، توغرا يول تۇتۇپ ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەمىلىگە ساۋاپنى زىيادە قىلىپ بېرىمىز دېگەن ۋاقتىدىكى نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار info
التفاسير:

external-link copy
59 : 2

فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ قَوۡلًا غَيۡرَ ٱلَّذِي قِيلَ لَهُمۡ فَأَنزَلۡنَا عَلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ

ئۇلاردىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇيرۇلغان ئىشنى ئالماشتۇردى، دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتتى، ئۇلار شەھەرگە كاسىلىرىنى سۈركەپ كېرىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتە: بىر تاغار ئاشلىق دەپ كىردى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەق يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ ئاسماندىن ئازاب نازىل قىلدى info
التفاسير:

external-link copy
60 : 2

۞ وَإِذِ ٱسۡتَسۡقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ فَقُلۡنَا ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡحَجَرَۖ فَٱنفَجَرَتۡ مِنۡهُ ٱثۡنَتَا عَشۡرَةَ عَيۡنٗاۖ قَدۡ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٖ مَّشۡرَبَهُمۡۖ كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ مِن رِّزۡقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

سىلەر چۆلدە بولغاندا ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بەك ئۇسساپ كەتكەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ سىلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلدى، بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇشقا بۇيرىدۇق، تاشنى ئۇرغاندا تاشتىن سىلەرنىڭ قەبىلىلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىدەل چىقمىسۇن دەپ ھەر بىر قەبىلىگە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بېكىتىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا: سىلەر جاپا تارتماستىن، ھېچ ئىش قىلماستىن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىنى يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار دېدۇق info
التفاسير:

external-link copy
61 : 2

وَإِذۡ قُلۡتُمۡ يَٰمُوسَىٰ لَن نَّصۡبِرَ عَلَىٰ طَعَامٖ وَٰحِدٖ فَٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُخۡرِجۡ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۢ بَقۡلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَاۖ قَالَ أَتَسۡتَبۡدِلُونَ ٱلَّذِي هُوَ أَدۡنَىٰ بِٱلَّذِي هُوَ خَيۡرٌۚ ٱهۡبِطُواْ مِصۡرٗا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلۡتُمۡۗ وَضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلذِّلَّةُ وَٱلۡمَسۡكَنَةُ وَبَآءُو بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ

ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ۋاقتىڭلارنى ياد ئېتىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن تاتلىق ئېچىملىك بىلەن بۆدۈنە كاۋىپىنى يېيىشتىن زېرىكىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز ئۆزگەرمەيدىغان بىر خىل يېمەككە سەۋىر قىلالمايمىز دەپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن: بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلساڭ، بىزگە زېمىننىڭ كوكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسە دېدىڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بۇ تەلىپىڭلاردىن ھەيران قىلىپ: سىلەرگە ھېرىش-چارچاشسىز كەلگەن بۆدۈنە كاۋىپى بىلەن تەرەنجىۋىن ئىچىملىكىدىن ئىبارەت ئېسىل نەرسىنى ئاددى بولغان سەي-كۆكتاتلارغا تىگىشەمسىلەر؟، بۇ يەردىن بىر شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە سورىغان نەرسىلىرىڭلار بار دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھاۋايى-ھەۋەس، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن نەرسىسىدىن تەكرار يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن خارلىق، مۇھتاجلىق ۋە قېيىنچىلىقتا قالدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ھەقلىق بولدى. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبىدىندۇر. info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• كل من يتلاعب بنصوص الشرع ويحرّفها فيه شَبَهٌ من اليهود، وهو مُتوعَّد بعقوبة الله تعالى.
بۇنىڭدىن، ئاللاھنىڭ قانۇنى بىلەن ئويناشقان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ يەھۇدىغا ئوخشايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ info

• عِظَمُ فضل الله تعالى على بني إسرائيل، وفي مقابل ذلك شدة جحودهم وعنادهم وإعراضهم عن الله وشرعه.
ئاللاھنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا قىلغان ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى كاتتا بولسىمۇ ئۇلار بۇ نىمەتنىڭ قارشىسىدا، تۇزكورلۇق، گەردەنكەشلىك قىلىپ، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈدى info

• أن من شؤم المعاصي وتجاوز حدود الله تعالى ما ينزل بالمرء من الذل والهوان، وتسلط الأعداء عليه.
گۇناھ-مەسىيەت ۋە ئاللاھنىڭ چىگراسىدىن ھالقىشنىڭ شۇملىقى بولسا، ئىنسانغا خارلىق، پەسكەشلىك ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى ئىلىپ كىلىدۇ info