क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - पवित्र क़ुरआन की संक्षिप्त व्याख्या का उइग़ुर अनुवाद

पृष्ठ संख्या: 15:2 close

external-link copy
102 : 2

وَٱتَّبَعُواْ مَا تَتۡلُواْ ٱلشَّيَٰطِينُ عَلَىٰ مُلۡكِ سُلَيۡمَٰنَۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيۡمَٰنُ وَلَٰكِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ كَفَرُواْ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحۡرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلۡمَلَكَيۡنِ بِبَابِلَ هَٰرُوتَ وَمَٰرُوتَۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنۡ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحۡنُ فِتۡنَةٞ فَلَا تَكۡفُرۡۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنۡهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَزَوۡجِهِۦۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنۡ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡۚ وَلَقَدۡ عَلِمُواْ لَمَنِ ٱشۡتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖۚ وَلَبِئۡسَ مَا شَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى تەرك قىلغان ۋاقتىدا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ سېھىرگەرلىكىگە ئائىت سۆزلىرىگە ئەگەشتى ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقىنى سېھرىگەرلىك بىلەن قۇرۇلغان دەپ ئويلاشتى، يەھۇدىلار ئويلىغىنىدەك سۇلايمان سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى، ئۇلار ئىراقنىڭ بابىل شەھىرىدىكى ھارۇت -مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە كىشىلەرنى سىناق ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى، بۇ ئىككى پەرىشتە بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. بۇ ئىككى پەرىشتىنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەر بۇ ئىككىسىدىن سېھرى ئۈگىنەتتى، ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر-خوتۇننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى يەنى سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار سېھىر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار تەۋراتنى تاشلاپ سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ، ئوچۇق ئاشكارا ئازغۇنلۇق ۋە نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا قەدەم بېسىشنىڭ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتى بولمايدىغان قاتتىق يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى info
التفاسير:

external-link copy
103 : 2

وَلَوۡ أَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَمَثُوبَةٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ خَيۡرٞۚ لَّوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

ئەگەر يەھۇدىلار ئاللاھقا ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ، ئاسىيلىق قىلماستىن، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقُولُواْ رَٰعِنَا وَقُولُواْ ٱنظُرۡنَا وَٱسۡمَعُواْۗ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٞ

ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرنى سۆزلەشكەندە ياخشى سۆزلەرنى تاللاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرگە (رائىنا) يەنى "بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قارىسىلا" دەپ خىتاب قىلماڭلار، چۈنكى يەھۇدىلار بۇ سۆزنى ئۆزگەرتىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ بۇنىڭدىن دۆتلۇك دېگەندەك مەنانى مەقسەت قىلاتتى، ئاللاھ تائالا بۇ بوشلۇقنى توسۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى بۇ سۆزنى ئېشلىتىشتىن چەكلىدى. بەندىلەرنى بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا (ئۇنزۇرنا) "سۆزلىرىنى چۈشۈنۈپ بولغىچە بىزگە مۆھلەت بەرسە" دېگەن سۆزنى دېيىشكە بۇيرىدى، كاپىرلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب باردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 2

مَّا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَلَا ٱلۡمُشۡرِكِينَ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ خَيۡرٖ مِّن رَّبِّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَخۡتَصُّ بِرَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ

ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكتىن، ۋەھيى ۋە ئىماندىن بولغان رەھمىتىنى خاس قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئىنسانلاردىن ھەرقانداق بىر كىشى ياخشىلىققا ئېرىشىدىكەن، ئۇ ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ. ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىندۇر. info
التفاسير:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• سوء أدب اليهود مع أنبياء الله حيث نسبوا إلى سليمان عليه السلام تعاطي السحر، فبرّأه الله منه، وأَكْذَبَهم في زعمهم.
يەھۇدىلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بولغان ئەدەپسىزلىكىدىن، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا سېھرىنى نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى بۇ تۆھمەتتىن پاكلاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانىنى يالغانغا چىقاردى info

• أن السحر له حقيقة وتأثير في العقول والأبدان، والساحر كافر، وحكمه القتل.
سېھرىنىڭ ھەقىقەتتە ئەقىلگە ۋە بەدەنگە تەسىرى بولىدۇ، سېھرىگەر كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر info

• لا يقع في ملك الله تعالى شيء من الخير والشر إلا بإذنه وعلمه تعالى.
ئاللاھنىڭ مۈلكىدە ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىلمى بىلەن بولىدۇ info

• سد الذرائع من مقاصد الشريعة، فكل قول أو فعل يوهم أمورًا فاسدة يجب تجنبه والبعد عنه.
ۋەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىدى بولۇپ، ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەت بۇزۇق ئىشنى خىيال قىلدۇرىدىكەن، ئۇنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ info

• أن الفضل بيد الله تعالى وهو الذي يختص به من يشاء برحمته وحكمته.
ھەقىقەتەن پەزلى-رەھمەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۇنى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ info