Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ougandaise - Muhammad Sâlih.

مائارىج

external-link copy
1 : 70

سَأَلَ سَآئِلُۢ بِعَذَابٖ وَاقِعٖ

بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 70

لِّلۡكَٰفِرِينَ لَيۡسَ لَهُۥ دَافِعٞ

ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 70

مِّنَ ٱللَّهِ ذِي ٱلۡمَعَارِجِ

ئۇ (ئازاب) ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 70

تَعۡرُجُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥ خَمۡسِينَ أَلۡفَ سَنَةٖ

پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 70

فَٱصۡبِرۡ صَبۡرٗا جَمِيلًا

(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 70

إِنَّهُمۡ يَرَوۡنَهُۥ بَعِيدٗا

ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 70

وَنَرَىٰهُ قَرِيبٗا

بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 70

يَوۡمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلۡمُهۡلِ

ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 70

وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ

تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 70

وَلَا يَسۡـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمٗا

(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 70

يُبَصَّرُونَهُمۡۚ يَوَدُّ ٱلۡمُجۡرِمُ لَوۡ يَفۡتَدِي مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِئِذِۭ بِبَنِيهِ

(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 70

وَصَٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ

13 : 70

وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِي تُـٔۡوِيهِ

(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 70

وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ يُنجِيهِ

(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ[10ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 70

كَلَّآۖ إِنَّهَا لَظَىٰ

ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر[15]. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 70

نَزَّاعَةٗ لِّلشَّوَىٰ

(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 70

تَدۡعُواْ مَنۡ أَدۡبَرَ وَتَوَلَّىٰ

ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ[17ـ18]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 70

وَجَمَعَ فَأَوۡعَىٰٓ

ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ[17ـ18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 70

۞ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا

ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى[19]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 70

إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعٗا

ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر[20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 70

وَإِذَا مَسَّهُ ٱلۡخَيۡرُ مَنُوعًا

بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر[21]. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 70

إِلَّا ٱلۡمُصَلِّينَ

پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[22ـ23]. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 70

ٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ دَآئِمُونَ

پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[22ـ23]. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 70

وَٱلَّذِينَ فِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ مَّعۡلُومٞ

ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ[24ـ25]. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 70

لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ

ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ[24ـ25]. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 70

وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر[26]. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 70

وَٱلَّذِينَ هُم مِّنۡ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشۡفِقُونَ

ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 70

إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمۡ غَيۡرُ مَأۡمُونٖ

شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر[28]. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 70

وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِفُرُوجِهِمۡ حَٰفِظُونَ

ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر[29]. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 70

إِلَّا عَلَىٰٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَإِنَّهُمۡ غَيۡرُ مَلُومِينَ

پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ[30]، info
التفاسير:

external-link copy
31 : 70

فَمَنِ ٱبۡتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡعَادُونَ

(جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر[31]. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 70

وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[32]. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 70

وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَٰدَٰتِهِمۡ قَآئِمُونَ

ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر[33]. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 70

وَٱلَّذِينَ هُمۡ عَلَىٰ صَلَاتِهِمۡ يُحَافِظُونَ

ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر[34]. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 70

أُوْلَٰٓئِكَ فِي جَنَّٰتٖ مُّكۡرَمُونَ

ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر[35]. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 70

فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قِبَلَكَ مُهۡطِعِينَ

(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ[36ـ37]. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 70

عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ

(ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ[36ـ37]. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 70

أَيَطۡمَعُ كُلُّ ٱمۡرِيٕٖ مِّنۡهُمۡ أَن يُدۡخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٖ

ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟[38] info
التفاسير:

external-link copy
39 : 70

كَلَّآۖ إِنَّا خَلَقۡنَٰهُم مِّمَّا يَعۡلَمُونَ

ياق (يەنى ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ). شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق[39]. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 70

فَلَآ أُقۡسِمُ بِرَبِّ ٱلۡمَشَٰرِقِ وَٱلۡمَغَٰرِبِ إِنَّا لَقَٰدِرُونَ

مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز[40ـ41]. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 70

عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ

مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز[40ـ41]. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 70

فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ

(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن[42]. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 70

يَوۡمَ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ سِرَاعٗا كَأَنَّهُمۡ إِلَىٰ نُصُبٖ يُوفِضُونَ

ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ[43]. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 70

خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۚ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ

ئۇلار (ئاللاھتىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر[44]. info
التفاسير: