Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ougandaise - Muhammad Sâlih.

سەبەئ

external-link copy
1 : 34

ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ

جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 34

يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۚ وَهُوَ ٱلرَّحِيمُ ٱلۡغَفُورُ

ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان (يەنى يامغۇر، كان ۋە ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش) نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان (ئۆسۈملۈك، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنىڭ سۇلىرى قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان (پەرىشتە، يامغۇر، ئەجەل، رىزىق قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان (ياخشى ئەمەللەر، مەقبۇل دۇئالار قاتارلىق) نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 34

وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَأۡتِينَا ٱلسَّاعَةُۖ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتَأۡتِيَنَّكُمۡ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِۖ لَا يَعۡزُبُ عَنۡهُ مِثۡقَالُ ذَرَّةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَآ أَصۡغَرُ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡبَرُ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ

كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق»[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 34

لِّيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ

(ئۇلارنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 34

وَٱلَّذِينَ سَعَوۡ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مِّن رِّجۡزٍ أَلِيمٞ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 34

وَيَرَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ ٱلۡحَقَّ وَيَهۡدِيٓ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ

ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 34

وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هَلۡ نَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ يُنَبِّئُكُمۡ إِذَا مُزِّقۡتُمۡ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمۡ لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدٍ

كاپىرلار (بىر ـ بىرىگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما ـ تالاڭ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر دەپ خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى سىلەرگە كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟[7]. info
التفاسير: