Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ougandaise - Muhammad Sâlih.

لوقمان

external-link copy
1 : 31

الٓمٓ

ئەلىف، لام، مىم[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 31

تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ

بۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 31

هُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّلۡمُحۡسِنِينَ

(ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر[3ـ4]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 31

ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ

(ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھنىڭ رىزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر[3ـ4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 31

أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

ئاشۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 31

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ

بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 31

وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا وَلَّىٰ مُسۡتَكۡبِرٗا كَأَن لَّمۡ يَسۡمَعۡهَا كَأَنَّ فِيٓ أُذُنَيۡهِ وَقۡرٗاۖ فَبَشِّرۡهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 31

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلنَّعِيمِ

شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە كىرىدۇ[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 31

خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

ئۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر (ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 31

خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيۡرِ عَمَدٖ تَرَوۡنَهَاۖ وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَنۢبَتۡنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوۡجٖ كَرِيمٍ

ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 31

هَٰذَا خَلۡقُ ٱللَّهِ فَأَرُونِي مَاذَا خَلَقَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦۚ بَلِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

مانا بۇلار ئاللاھنىڭ (ياراتقان) مەخلۇقاتلىرىدۇر، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ بەلكى زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر[11 info
التفاسير: