Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ouïghoure du Résumé dans l'Exégèse du noble Coran

Numéro de la page:close

external-link copy
131 : 6

ذَٰلِكَ أَن لَّمۡ يَكُن رَّبُّكَ مُهۡلِكَ ٱلۡقُرَىٰ بِظُلۡمٖ وَأَهۡلُهَا غَٰفِلُونَ

ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇنداق كەڭچىلىك قىلىش، ھېچكىمنىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىلمەي ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت يەتمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە قارىتا جازالىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىز ھەرقانداق بىر ئۈممەتنى پەقەت پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالاپ باقمىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
132 : 6

وَلِكُلّٖ دَرَجَٰتٞ مِّمَّا عَمِلُواْۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ

ھەر كىمنىڭ ئەمىلىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، يەنى يامانلىقى كۆپ ئادەم بىلەن ئاز ئادەم، ئەگەشكۈچى بىلەن ئەگەشتۈرگۈچى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ مۇكاپاتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەس، بەلكى خەۋەرداردۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە بەندىلەرگە ئەمەللىرىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
133 : 6

وَرَبُّكَ ٱلۡغَنِيُّ ذُو ٱلرَّحۡمَةِۚ إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَسۡتَخۡلِفۡ مِنۢ بَعۡدِكُم مَّا يَشَآءُ كَمَآ أَنشَأَكُم مِّن ذُرِّيَّةِ قَوۡمٍ ءَاخَرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇنىڭ نە بەندىلەرگە، نە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە ئېھتىياجى يوق، بەندىلەرنىڭ كاپىر بولۇشى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇ بەندىلەردىن بىھاجەت تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۇلارغا كۈيۈمچاندۇر. ئەي ئاسىي بەندىلەر! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىشنى خالىسا، دەرگاھىدىن ئازاب ئەۋەتىش ئارقىلىق سىلەرنى تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قۇرۇتۇۋېتىپ، خۇددى سىلەرنىمۇ ئىلگىرىكى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن بارلىققا كەلتۈرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىگە ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلىدىغانلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
134 : 6

إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَأٓتٖۖ وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ

ئەي كاپىرلار! سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان قايتىدىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش ۋە جازا قاتارلىق ئىشلار شەكسىز مەيدانغا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ كۇكۇلا چېچىڭلاردىن تۇتقۇچى بولۇپ، سىلەرنى ئازابلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
135 : 6

قُلۡ يَٰقَوۡمِ ٱعۡمَلُواْ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمۡ إِنِّي عَامِلٞۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن تَكُونُ لَهُۥ عَٰقِبَةُ ٱلدَّارِۚ إِنَّهُۥ لَا يُفۡلِحُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلاردا، يەنى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇقۇڭلاردا چىڭ تۇرۇۋېرىڭلار. ھەقىقەتەن مەن كەڭ قورساقلىق بىلەن سىلەرگە ئوپئوچۇق يەتكۈزۈش ئارقىلىق پاكىتلارنى كەلتۈردۈم. شۇڭا ئەمدى سىلەرنىڭ كۇپۇرلۇقۇڭلار ۋە ئازغۇنلۇقۇڭلارغا پەرۋا قىلماستىن ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىمەن. ئۇزۇنغا قالماي دۇنيادا غەلىبىنىڭ كىمگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ۋە دۇنياغا كىمنىڭ ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرەتنىڭمۇ كىمنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. شەكسىزكى مۇشرىكلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دۇنيادا ھەر قانچە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ياشىغان بولسىمۇ ئاقىۋىتى زىيانكارلىق بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
136 : 6

وَجَعَلُواْ لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ ٱلۡحَرۡثِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ نَصِيبٗا فَقَالُواْ هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعۡمِهِمۡ وَهَٰذَا لِشُرَكَآئِنَاۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمۡ فَلَا يَصِلُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَآئِهِمۡۗ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ

مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ئىبارەت زىرائەتلەر ۋە چاھارپايلاردىن مەلۇم بىر ئۈلۈشىنى ئاللاھقا ئايرىپ قويىدىغان يوق ئىشنى پەيدا قىلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىچە: بۇ ئاللاھنىڭ، ئاۋۇ بۇت-ھەيكەللىرىمىزنىڭ نېسىۋىسى، دېيىشتى. ئۇلار شېرىكلىرىگە ئايرىغان قىسمى كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرگە ئوخشاش ئاللاھ سەرپ قىلىشقا بۇيرۇغان ئورۇنلارغا كېتىپ قالسا بولمايدۇ، ئەمما ئاللاھقا ئايرىغان قىسمىنى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىغا بېرىشكە بولىدۇكى، شۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكمى ۋە تەقسىماتى نېمىدېگەن يامان - ھە! info
التفاسير:

external-link copy
137 : 6

وَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٖ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ قَتۡلَ أَوۡلَٰدِهِمۡ شُرَكَآؤُهُمۡ لِيُرۡدُوهُمۡ وَلِيَلۡبِسُواْ عَلَيۡهِمۡ دِينَهُمۡۖ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا فَعَلُوهُۖ فَذَرۡهُمۡ وَمَا يَفۡتَرُونَ

شەيتان مۇشرىكلارغا مۇشۇنداق ناھەق ھۆكۈمنى چىرايلىق كۆرسەتكىنىدەك، كۆپلىگەن مۇشرىكلارغا شەيتانلاردىن بولغان شېرىكلىرى ئاللاھ ناھەق ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نېمىنىڭ يوللۇق، نېمىنىڭ يولسىز ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىكلىرى ئۈچۈن كەمبەغەللىكتىن ئەنسىرەپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىنى خالىسا ئىدى، قىلمايتتى. لېكىن ئاللاھ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن شۇنداق بولۇشىنى خالىدى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇشلىرى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. چۈنكى بۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن. info
التفاسير:
Parmi les bénéfices ( méditations ) des versets de cette page:
• تفاوت مراتب الخلق في أعمال المعاصي والطاعات يوجب تفاوت مراتبهم في درجات العقاب والثواب.
مەخلۇقاتلارنىڭ گۇناھ -مەئسىيەت ۋە تائەت-ئىبادەتتىكى مەرتىۋىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئۇلارنىڭ جازا-مۇكاپاتتىكى دەرىجىلىرىنىڭمۇ پەرقلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. info

• اتباع الشيطان موجب لانحراف الفطرة حتى تصل لاستحسان القبيح مثل قتل الأولاد ومساواة أصنامهم بالله سبحانه وتعالى.
شەيتانغا ئەگىشىش تەبىئىي پىترەتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئەھۋال بالىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە بۇتلارنى ئاللاھ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا ئوخشاش قەبىھ ئىشلارنى ياخشى ھېسابلايدىغان دەرىجىگە ئېلىپ بارىدۇ. info