Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

قۇرەيش

Propósitos del Capítulo:
بيان نعمة الله على قريش وحق الله عليهم.
ئاللاھ تائالانىڭ قۇرەيش قەبىلىسىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 106

لِإِيلَٰفِ قُرَيۡشٍ

قۇرەيشلەر ئادەتلىنىپ، كۆنۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 106

إِۦلَٰفِهِمۡ رِحۡلَةَ ٱلشِّتَآءِ وَٱلصَّيۡفِ

قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن، info
التفاسير:

external-link copy
3 : 106

فَلۡيَعۡبُدُواْ رَبَّ هَٰذَا ٱلۡبَيۡتِ

ئۇلارنىڭ مۇشۇ سەپەرلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان مۇشۇ ھۆرمەتلىك ئۆينىڭ رەببى يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
4 : 106

ٱلَّذِيٓ أَطۡعَمَهُم مِّن جُوعٖ وَءَامَنَهُم مِّنۡ خَوۡفِۭ

ئۇ زات پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ دىللىرىغا ھەرەمنى ۋە ھەرەم ئاھالىسىنى ئۇلۇغلاشنى ئىلھام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاچلىقتا ئۇزۇقلاندۇردى، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلدى. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• أهمية الأمن في الإسلام.
ئىسلامدا خاتىرجەملىك ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• الرياء أحد أمراض القلوب، وهو يبطل العمل.
رىياكارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. info

• مقابلة النعم بالشكر يزيدها.
نېئمەتلەرگە شۈكرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش نېئمەتنى كۆپەيتىدۇ. info

• كرامة النبي صلى الله عليه وسلم على ربه وحفظه له وتشريفه له في الدنيا والآخرة.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا سۆيۈملۈك بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇنى بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قوغدايدۇ ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. info