Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
40 : 78

إِنَّآ أَنذَرۡنَٰكُمۡ عَذَابٗا قَرِيبٗا يَوۡمَ يَنظُرُ ٱلۡمَرۡءُ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلۡكَافِرُ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ تُرَٰبَۢا

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بۇ كۈندە ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارايدۇ ۋە كاپىر بولغان ئادەم ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مەنمۇ قىيامەت كۈنى: تۇپراققا ئايلىنىپ كەت، دېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! دەيدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ. info

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ. info