Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
6 : 59

وَمَآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ مِنۡهُمۡ فَمَآ أَوۡجَفۡتُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ خَيۡلٖ وَلَا رِكَابٖ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُۥ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن قايتۇرۇپ بەرگەن غەنىمەتلەرنى سىلەر ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن ئات - تۆگىلەرنى چاپتۇرمىدىڭلار. سىلەرگە ھېچقانداق خاپىلىقمۇ كەلمىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان كىشى ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى بەنى نەزىر ئۈستىدىن غالىب قىلدى. نەتىجىدە ئۇ، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى جەڭ قىلمايلا پەتھ قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• فعل ما يُظنُّ أنه مفسدة لتحقيق مصلحة عظمى لا يدخل في باب الفساد في الأرض.
زىيانلىق دەپ قارالغان بەزى ئىشلارنى تېخىمۇ چوڭ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىش يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا كىرمەيدۇ. info

• من محاسن الإسلام مراعاة ذي الحاجة للمال، فَصَرَفَ الفيء لهم دون الأغنياء المكتفين بما عندهم.
مالغا ئېھتىياجى بولغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھاجىتىنى قامدىيالايدىغان بايلارغا ئەمەس، يوقسۇللارغا بېرىش ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىندۇر. info

• الإيثار منقبة عظيمة من مناقب الإسلام ظهرت في الأنصار أحسن ظهور.
شەخسىيەتسىزلىك - ئىسلامنىڭ خىسلەتلىرى ئىچىدىن ئەنسارلاردا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە نامايان بولغان بىر خىسلەتتۇر. info