Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
30 : 47

وَلَوۡ نَشَآءُ لَأَرَيۡنَٰكَهُمۡ فَلَعَرَفۡتَهُم بِسِيمَٰهُمۡۚ وَلَتَعۡرِفَنَّهُمۡ فِي لَحۡنِ ٱلۡقَوۡلِۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ أَعۡمَٰلَكُمۡ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا مۇناپىقلارنى تونۇتۇشنى خالىغان بولساق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق، ئاندىن سەن ئۇلارنى سىرتقى ئالامەتلىرىگە قاراپلا تونۇۋالاتتىڭ. شۇنداقتىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنى سۆز ئۇسلۇبىدىن تونۇۋالىسەن. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• سرائر المنافقين وخبثهم يظهر على قسمات وجوههم وأسلوب كلامهم.
مۇناپىقلارنىڭ سىرلىرى ۋە نىجىسلىقى ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا ۋە سۆز ئۇسلۇبىدا ئاشكارا بولىدۇ. info

• الاختبار سُنَّة إلهية لتمييز المؤمنين من المنافقين.
سىناق مۇئمىنلەرنى مۇناپىقلاردىن ئايرىيدىغان ئىلاھىي بىر قانۇنىيەتتۇر. info

• تأييد الله لعباده المؤمنين بالنصر والتسديد.
ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىنى ياردەم بېرىش ۋە ئەمەللىرىنى تۈزەش ئارقىلىق كۈچەيتىدۇ. info

• من رفق الله بعباده أنه لا يطلب منهم إنفاق كل أموالهم في سبيل الله.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى ئۇنىڭ مېھىر - شەپقىتىدىندۇر. info