Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

Page Number:close

external-link copy
78 : 40

وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلٗا مِّن قَبۡلِكَ مِنۡهُم مَّن قَصَصۡنَا عَلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّن لَّمۡ نَقۡصُصۡ عَلَيۡكَۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأۡتِيَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ فَإِذَا جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ قُضِيَ بِٱلۡحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

ئى پەيغەمبەر! بىز ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىمۇ ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارغا ئازار بەردى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشلىرى ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلدى. بۇ پەيغەمبەرلەر ئىچىدە بىز ساڭا ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەنلەرمۇ، سۆزلەپ بەرمىگەنلەرمۇ بار. ھېچبىر پەيغەمبەر قەۋمىگە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى كاپىرلارنىڭ مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى زۇلۇمدۇر. غەلىبە ياكى پەيغەمبەرلەر بىلەن قەۋملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بۇ چاغدا كاپىرلار ھالاك قىلىنىپ، پەيغەمبەرلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئاشۇ مەيداندا خاتا يولدا ماڭغۇچىلار كۇپۇرلۇقى تۈپەيلىدىن ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 40

ٱللَّهُ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡعَٰمَ لِتَرۡكَبُواْ مِنۡهَا وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ

ئاللاھ سىلەرگە بەزىسىگە مىنىپ، بەزىسىنىڭ گۆشلىرىنى يەپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆگىنى، كالىنى ۋە قوينى يارىتىپ بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 40

وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَلِتَبۡلُغُواْ عَلَيۡهَا حَاجَةٗ فِي صُدُورِكُمۡ وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ

بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ سىلەرگە نۇرغۇن پايدىلىرى بار بولۇپ، بۇ پايدىلار ھەر دەۋردە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇلار ئارقىلىق سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان نەرسىگە ئېرىشەلەيسىلەر. بۇ مەنپەئەتلەردىن ئەڭ گەۋدىلىكراقى قۇرۇقلۇقتا ھەم دېڭىزدا (يۈكلەرنى) توشۇشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 40

وَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ فَأَيَّ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ

ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ھەم يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سىلەرنىڭ ئېڭىڭلاردا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاللاھنىڭ قايسى ئايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
82 : 40

أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَكۡثَرَ مِنۡهُمۡ وَأَشَدَّ قُوَّةٗ وَءَاثَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ فَمَآ أَغۡنَىٰ عَنۡهُم مَّا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

بۇ ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟! ماۋۇلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ مال - دۇنيالىرى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە يەر يۈزدىكى تەسىرى تېخىمۇ زور ئىدى. ئاللاھنىڭ ھالاكەتلىك ئازابى كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن كۈچ - قۇۋۋەتلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 40

فَلَمَّا جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَرِحُواْ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىدە بار بولغان، ئەمما پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەنگە زىت بولغان ئىلىمگە رازى بولۇشتى. پەيغەمبەرلىرى ئاگاھلاندۇرسا مەسخىرە قىلىشقان ئازاب ئۇلارغا چۈشتى. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 40

فَلَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَا قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحۡدَهُۥ وَكَفَرۡنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشۡرِكِينَ

ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرگەن، (ھەقىقەتنى) ئىقرار قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدىغان ۋاقىتتا ئىقرار قىلىپ: بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بۇرۇن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان شېرىكلەرنى ۋە بۇتلارنى ئىنكار قىلدۇق، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 40

فَلَمۡ يَكُ يَنفَعُهُمۡ إِيمَٰنُهُمۡ لَمَّا رَأَوۡاْ بَأۡسَنَاۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي قَدۡ خَلَتۡ فِي عِبَادِهِۦۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلۡكَٰفِرُونَ

ئۇلارنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمىدى. ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولماسلىقى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. كاپىرلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئازابنى كۆرۈشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازاب كەلگەن چاغدا ھالاكەتكە دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتتى. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• لله رسل غير الذين ذكرهم الله في القرآن الكريم نؤمن بهم إجمالًا.
ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغىنىدىن باشقا پەيغەمبەرلىرىمۇ بار بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز. info

• من نعم الله تبيينه الآيات الدالة على توحيده.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىشى ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• خطر الفرح بالباطل وسوء عاقبته على صاحبه.
باتىلغا خۇشال بولۇش خەتەرلىك، ئاقىۋىتى ئېچىنىشلىقتۇر. info

• بطلان الإيمان عند معاينة العذاب المهلك.
ھالاك قىلغۇچى ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info