Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
139 : 3

وَلَا تَهِنُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَنتُمُ ٱلۡأَعۡلَوۡنَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

`ئى مۆمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سەۋەبىدىن بوشىشىپ كەتمەڭلار ۋە قايغۇرماڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرگە لايىق بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان نېئمەتلىرىگە ھەقىقى ئىشەنسەڭلار، ئاللاھتىن ياردەم ئۈمىد قىلساڭلار، ئەگەر ئىمانىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە ئېرىشىسىلەر. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• الترغيب في المسارعة إلى عمل الصالحات اغتنامًا للأوقات، ومبادرة للطاعات قبل فواتها.
پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراش، .پۇرسەت كېتىشتىن ئىلگىرى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلىش كېرەك info

• من صفات المتقين التي يستحقون بها دخول الجنة: الإنفاق في كل حال، وكظم الغيظ، والعفو عن الناس، والإحسان إلى الخلق.
جەننەتكە كېرىشكە ھەقلىق بولغان تەقۋادار كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىدۇ، ئاچچىغىنى يۇتىدۇ، .كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ info

• النظر في أحوال الأمم السابقة من أعظم ما يورث العبرة والعظة لمن كان له قلب يعقل به.
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالغاندا، ئەقىللىق ۋە قەلبى .ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ۋەز-نەسىھەت بار info