Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
6 : 29

وَمَن جَٰهَدَ فَإِنَّمَا يُجَٰهِدُ لِنَفۡسِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ

كىمكى ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بېسىش ۋە ئاسىيلىقتىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە قارشى ھەم ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىكەن، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇركى، ئۇلارنىڭ ئىتائىتى (ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقىدىن) ھېچنەرسىنى ئارتتۇرالمايدۇ، ئاسىيلىقى (ئاللاھنىڭ مۈلكىدىن) ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• النهي عن إعانة أهل الضلال.
بۇ ئايەتلەر ئازغۇنلارغا ياردەملىشىشتىن چەكلەيدۇ. info

• الأمر بالتمسك بتوحيد الله والبعد عن الشرك به.
ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. info

• ابتلاء المؤمنين واختبارهم سُنَّة إلهية.
مۇئمىنلەرنىڭ تۈرلۈك سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشى ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info

• غنى الله عن طاعة عبيده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. info