Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
52 : 27

فَتِلۡكَ بُيُوتُهُمۡ خَاوِيَةَۢ بِمَا ظَلَمُوٓاْۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

ئەنە ئاشۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئىدى، ئۇ ئۆيلەرنىڭ تام - تورۇسلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئادىمىزاتتىن خالىي بوپقالدى. شەكسىزكى ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا كەلگەن ئازاب ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەتتۇر. مۇئمىنلەر (ئاللاھنىڭ) ئايەتلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• الاستغفار من المعاصي سبب لرحمة الله.
گۇناھ - مەئسىيەتتىن ئىستىغپار ئېيتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• التشاؤم بالأشخاص والأشياء ليس من صفات المؤمنين.
ئىنسانلارنى ۋە نەرسىلەرنى شۇملۇق كەلتۈرىدۇ، دەپ قاراش مۇئمىنلەرنىڭ خىسلىتى ئەمەس. info

• عاقبة التمالؤ على الشر والمكر بأهل الحق سيئة.
ھەق يولدىكىلەرگە يامانلىق قىلىش ۋە سۇيىقەست پىلانلاشنىڭ ئاقىۋىتى ياماندۇر. info

• إعلان المنكر أقبح من الاستتار به.
گۇناھنى ئاشكارا قىلىش مەخپىي قىلغاندىن يامانراقتۇر. info

• الإنكار على أهل الفسوق والفجور واجب.
پاسىقلارنى ۋە گۇناھكارلارنى يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىبتۇر. info