Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
15 : 24

إِذۡ تَلَقَّوۡنَهُۥ بِأَلۡسِنَتِكُمۡ وَتَقُولُونَ بِأَفۡوَاهِكُم مَّا لَيۡسَ لَكُم بِهِۦ عِلۡمٞ وَتَحۡسَبُونَهُۥ هَيِّنٗا وَهُوَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمٞ

ئەينى چاغدا سىلەر ئۇ بوھتاننى بىر - بىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئاساسسىز تۇرسىمۇ يەنە ئېغىزدىن - ئېغىزغا يۆتكىدىڭلار. ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئۇ ھەقتە مەلۇماتىڭلار يوق ئىدى. سىلەر بۇ ئىشنى سەل چاغلاپ قالدىڭلار، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا يالغان ۋە پاك كىشىگە تۆھمەت قىلىش بار. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• تركيز المنافقين على هدم مراكز الثقة في المجتمع المسلم بإشاعة الاتهامات الباطلة.
مۇناپىقلار ئاساسسىز تۆھمەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىشەنچنى يوقىتىشقا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. info

• المنافقون قد يستدرجون بعض المؤمنين لمشاركتهم في أعمالهم.
مۇناپىقلار بەزىدە بىر قىسىم مۇئمىنلەرنى تۇيدۇرماي ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا شېرىك قىلىۋالىدۇ. info

• تكريم أم المؤمنين عائشة رضي الله عنها بتبرئتها من فوق سبع سماوات.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن پاكلىقى جاكارلىنىش ئارقىلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. info

• ضرورة التثبت تجاه الشائعات.
پىتنە - پاسات يۈز بەرگەندە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش زۆرۈر. info