Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
51 : 23

يَٰٓأَيُّهَا ٱلرُّسُلُ كُلُواْ مِنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ

ئەي پەيغەمبەرلەر! مەن سىلەرگە ھالال قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن كۆڭلۈڭلار تارتقاننى يەڭلار، شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، ماڭا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• الاستكبار مانع من التوفيق للحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقكە مۇۋەپپەق بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ. info

• إطابة المأكل له أثر في صلاح القلب وصلاح العمل.
يېمەكلىكنىڭ پاك بولۇشى قەلبنىڭ ۋە ئەمەلنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. info

• التوحيد ملة جميع الأنبياء ودعوتهم.
تەۋھىد، يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ۋە چاقىرىقىدۇر. info

• الإنعام على الفاجر ليس إكرامًا له، وإنما هو استدراج.
پاسىق - پاجىرلارغا قىلىنغان مەرھەمەت ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى بىخۇتلاشتۇرۇشتۇر. info