Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
97 : 21

وَٱقۡتَرَبَ ٱلۡوَعۡدُ ٱلۡحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَٰخِصَةٌ أَبۡصَٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يَٰوَيۡلَنَا قَدۡ كُنَّا فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا بَلۡ كُنَّا ظَٰلِمِينَ

ئۇلارنىڭ چىقىشى بىلەن قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى قاتتىق قورققانلىقتىن چەكچىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار: ۋاي ئېسىت! بىز دۇنيادا بۇ كاتتا كۈنگە تەييارلىق قىلىشتىن غاپىل بولۇپ، ئويۇن - تاماشاغا بېرىلىپتىكەنمىز. بەلكى بىز ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بوپتىكەنمىز، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• التنويه بالعفاف وبيان فضله.
بۇ ئايەتلەر ئىپپەتلىك بولۇشنى ماختاپ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ. info

• اتفاق الرسالات السماوية في التوحيد وأسس العبادات.
تەۋھىدتە ۋە ئىبادەت ئاساسلىرىدا ساماۋىي دىنلار بىردەكتۇر. info

• فَتْح سد يأجوج ومأجوج من علامات الساعة الكبرى.
يەجۇج ۋە مەجۇج توسمىسىنىڭ ئېچىلىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• الغفلة عن الاستعداد ليوم القيامة سبب لمعاناة أهوالها.
قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن بىخۇت بولۇش قىيامەتنىڭ خاپىلىقىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. info