Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
94 : 21

فَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا كُفۡرَانَ لِسَعۡيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَٰتِبُونَ

ئۇلاردىن كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ (زايە بولۇپ كەتمەيدۇ)، بەلكى ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىپ، قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇمۇ قايتا تىرىلىپ قوپقان كۈندە ئۆز ئەمىلىنىڭ نامە - ئەمال دەپتىرىگە چالا قويماي يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• التنويه بالعفاف وبيان فضله.
بۇ ئايەتلەر ئىپپەتلىك بولۇشنى ماختاپ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ. info

• اتفاق الرسالات السماوية في التوحيد وأسس العبادات.
تەۋھىدتە ۋە ئىبادەت ئاساسلىرىدا ساماۋىي دىنلار بىردەكتۇر. info

• فَتْح سد يأجوج ومأجوج من علامات الساعة الكبرى.
يەجۇج ۋە مەجۇج توسمىسىنىڭ ئېچىلىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• الغفلة عن الاستعداد ليوم القيامة سبب لمعاناة أهوالها.
قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن بىخۇت بولۇش قىيامەتنىڭ خاپىلىقىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. info