Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

Page Number:close

external-link copy
89 : 2

وَلَمَّا جَآءَهُمۡ كِتَٰبٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٞ لِّمَا مَعَهُمۡ وَكَانُواْ مِن قَبۡلُ يَسۡتَفۡتِحُونَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَلَمَّا جَآءَهُم مَّا عَرَفُواْ كَفَرُواْ بِهِۦۚ فَلَعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى توغرا بولغان ئومۇمى پرىنسىپقا مۇۋاپىق قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار: ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتا، بىزگە مۇشرىكلارغا قارشى ياردەم بېرىلىدۇ، بىز غەلىبە قىلىمىز، ئۇ پەيغەمبەرگە ئىشىنىمىز ۋە ئەگىشىمىز دەيتتى، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى تونىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىشەنمىدى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن info
التفاسير:

external-link copy
90 : 2

بِئۡسَمَا ٱشۡتَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡ أَن يَكۡفُرُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغۡيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٖۚ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٞ مُّهِينٞ

يەھۇدىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىشتىن بولغان نەسىۋېسىنى، ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئالماشتۇرىشى نېمە دېگەن يامان ئىش!. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىك ۋە قۇرئان كەرىمگە ھەسەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈستى-ئۈستى ئازابقا تىگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلىكى ۋە تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى خار قىلغۇچى ئازاب بار info
التفاسير:

external-link copy
91 : 2

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ ءَامِنُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ نُؤۡمِنُ بِمَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا وَيَكۡفُرُونَ بِمَا وَرَآءَهُۥ وَهُوَ ٱلۡحَقُّ مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَهُمۡۗ قُلۡ فَلِمَ تَقۡتُلُونَ أَنۢبِيَآءَ ٱللَّهِ مِن قَبۡلُ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

ئەگەر ئاشۇ يەھۇدىلارغا: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ھەقىقەت ۋە توغرا يولدىن ئىبارەت بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگەنازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىمىز دەيدۇ، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا بولغان كىتابقا مۇۋاپىق كىلىدىغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگىمۇ كاپىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىغا ھەقىقى ئىشەنسە ئىدى، ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەن بولاتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: سىلەر تەۋراتقا ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن سىلەرگە ھەقنى ئىلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟ دېگىن info
التفاسير:

external-link copy
92 : 2

۞ وَلَقَدۡ جَآءَكُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ ثُمَّ ٱتَّخَذۡتُمُ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَنتُمۡ ظَٰلِمُونَ

ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىڭلار مۇسا ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا كەتكەندىن كېيىن موزاينى ئىلاھ قىلىپ چوقۇندۇڭلار، سىلەر ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار info
التفاسير:

external-link copy
93 : 2

وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ وَرَفَعۡنَا فَوۡقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱسۡمَعُواْۖ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَأُشۡرِبُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡعِجۡلَ بِكُفۡرِهِمۡۚ قُلۡ بِئۡسَمَا يَأۡمُرُكُم بِهِۦٓ إِيمَٰنُكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چىن ئەھدە ئالدۇق ۋە سىلەرنى قورقۇتۇپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق. سىلەرگە بەرگەن تەۋراتقا تېرىشچانلىق بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇش ۋە قوبۇل قىلىش تەرىقىسىدە قۇلاق سىلىڭلار، بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى باستۇرىمىز دېدۇق. سىلەر: قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاسىيلىق قىلدۇق دىدىڭلار. ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر مۆئمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ سىلەر مۆئمىن ئەمەس، چۈنكى ھەقىقى ئىمان بىلەن كۇپىرلىق بىرگە بولمايدۇ info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• اليهود أعظم الناس حسدًا؛ إذ حملهم حسدهم على الكفر بالله وردِّ ما أنزل، بسبب أن الرسول صلى الله عليه وسلم لم يكن منهم.
يەھۇدىلار ئىنسانلار ئارىسىدا بەك ھەسەتخور كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلىقى ئۇلارنى ئاللاھغا كاپىر بولۇشقا ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى رەت قىلىشقا ئېلىپ باردى، بۇنىڭ سەۋەبى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر info

• أن الإيمان الحق بالله تعالى يوجب التصديق بكل ما أَنزل من كتب، وبجميع ما أَرسل من رسل.
ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقى ئىمان، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە ئاللاھ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ info

• من أعظم الظلم الإعراض عن الحق والهدى بعد معرفته وقيام الأدلة عليه.
دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تۇرغۇزۇلغان توغرا يولنى تونۇپ بولۇپ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈش بولسا ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر info

• من عادة اليهود نقض العهود والمواثيق، وهذا ديدنهم إلى اليوم.
ئەھدە-مىساقلارنى بۇزۇش يەھەدىلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ info