Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
93 : 17

أَوۡ يَكُونَ لَكَ بَيۡتٞ مِّن زُخۡرُفٍ أَوۡ تَرۡقَىٰ فِي ٱلسَّمَآءِ وَلَن نُّؤۡمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيۡنَا كِتَٰبٗا نَّقۡرَؤُهُۥۗ قُلۡ سُبۡحَانَ رَبِّي هَلۡ كُنتُ إِلَّا بَشَرٗا رَّسُولٗا

ياكى سېنىڭ ئالتۇن ۋە باشقا بېزەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن ئاسمانغا چىقىپ، تاكى ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان ۋە بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: مېنىڭ رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، خالىغان بىر ئىشنى قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالايمەن؟ دېگىن. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• بيَّن الله للناس في القرآن من كل ما يُعْتَبر به من المواعظ والعبر والأوامر والنواهي والقصص؛ رجاء أن يؤمنوا.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىمان ئېيتسۇن دەپ قۇرئان كەرىمدە پەند - نەسىھەتلەر، ئىبرەتلەر، بۇيرۇقلار، چەكلىمىلەر ۋە قىسسەلەرنىڭ ھەممىنى بايان قىلدى. info

• القرآن كلام الله وآية النبي الخالدة، ولن يقدر أحد على المجيء بمثله.
قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسىدۇر. ھېچكىم ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ. info

• من رحمة الله بعباده أن أرسل إليهم بشرًا منهم، فإنهم لا يطيقون التلقي من الملائكة.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئۆز تىپىدىن پەيغەمبەر ئەۋەتىشى ئۇلارغا بولغان مېھىر - شەپقىتىدىندۇر. چۈنكى ئۇلار پەرىشتىلەردىن بىر نەرسە ئۆگىنەلمەيدۇ. info

• من شهادة الله لرسوله ما أيده به من الآيات، ونَصْرُه على من عاداه وناوأه.
ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى مۆجىزىلەر بىلەن كۈچەيتكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەن ۋە قارشىلاشقانلارغا قارىتا ياردەم بەرگەنلىكىمۇ ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىدىندۇر. info