Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
75 : 12

قَالُواْ جَزَٰٓؤُهُۥ مَن وُجِدَ فِي رَحۡلِهِۦ فَهُوَ جَزَٰٓؤُهُۥۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلظَّٰلِمِينَ

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا: بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ئوغرىلانغان نەرسە كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئوغرىلىق قىلغۇچى مېلى ئوغرىلانغان كىشىگە قۇللۇققا تۇتۇپ بېرىلىدۇ. بىز ئوغرىلارغا مۇشۇنداق قۇل قىلىش جازاسى بېرىمىز، دېدى. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• جواز الحيلة التي يُتَوصَّل بها لإحقاق الحق، بشرط عدم الإضرار بالغير.
باشقىلارغا زىيان ئۇرماسلىق شەرتى بىلەن ھەقنى روياپقا چىقىرىشقا ۋاسىتە بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ. info

• يجوز لصاحب الضالة أو الحاجة الضائعة رصد جُعْل «مكافأة» مع تعيين قدره وصفته لمن عاونه على ردها.
بىرەر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغان ياكى قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېھتىياجلىق ھاجەتمەن يوقالغان نەرسىسىنى تىپىپ بەرگۈچىگە مەلۇم مىقداردا مۇكاپات بېكىتسە دۇرۇس بولىدۇ. info

• التغافل عن الأذى والإسرار به في النفس من محاسن الأخلاق.
ئەزىيەتنى بىلمەسكە سېلىش ۋە كۆڭلىدە سىر تۇتۇش ئېسىل ئەخلاقلاردىن بىرىدۇر. info