Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
107 : 12

أَفَأَمِنُوٓاْ أَن تَأۡتِيَهُمۡ غَٰشِيَةٞ مِّنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ أَوۡ تَأۡتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

بۇ مۇشرىكلار مۇشۇ دۇنيادىلا ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدىغان، ئۇلارنىڭ قايتۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان كۈتۈلمىگەن ئازاب كەپقېلىشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن، تەييارلىقسىز تۇرغاندا قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟ ئۇلار شۇڭا ئىمان ئېيتمىدىمۇ؟ info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• أن الداعية لا يملك تصريف قلوب العباد وحملها على الطاعات، وأن أكثر الخلق ليسوا من أهل الهداية.
بۇ ئايەتلەر دەۋەتچى بولغان كىشىنىڭ بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئۆزگەرتىپ، تائەت - ئىبادەتلەرگە مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خالايىقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. info

• ذم المعرضين عن آيات الله الكونية ودلائل توحيده المبثوثة في صفحات الكون.
ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھەمدە ئۇنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنىڭ كائىناتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا چېچىلىپ ياتقان دەلىللىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئەيىبلەيدۇ. info

• شملت هذه الآية ﴿ قُل هَذِهِ سَبِيلِي...﴾ ذكر بعض أركان الدعوة، ومنها: أ- وجود منهج:﴿ أَدعُواْ إِلَى اللهِ ﴾. ب - ويقوم المنهج على العلم: ﴿ عَلَى بَصِيرَةٍ﴾. ج - وجود داعية: ﴿ أَدعُواْ ﴾ ﴿أَنَا﴾. د - وجود مَدْعُوِّين: ﴿ وَمَنِ اتَّبَعَنِي ﴾.
«ئېيتقىنكى، بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر» دېگەن بۇ ئايەت دەۋەتنىڭ بىر قسىىم ئاساسلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار: 1- ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشتىن ئىبارەت مېتودنىڭ مەۋجۇتلۇقى، 2- دەلىل پاكىتقا ئاساسلىنىشتىن ئىبارەت ئىلمىي مېتودقا ئاساسلىنىش، 3- مەن چاقىرىمەن دەيدىغان دەۋەتچىنىڭ بولۇشى، 4- ئەگىشىدىغان چاقىرىلغۇچىلارنىڭ بولۇشىدىن ئىبارەت. info