Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
116 : 11

فَلَوۡلَا كَانَ مِنَ ٱلۡقُرُونِ مِن قَبۡلِكُمۡ أُوْلُواْ بَقِيَّةٖ يَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡفَسَادِ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا قَلِيلٗا مِّمَّنۡ أَنجَيۡنَا مِنۡهُمۡۗ وَٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَآ أُتۡرِفُواْ فِيهِ وَكَانُواْ مُجۡرِمِينَ

سىلەردىن ئىلگىرى ئازابقا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئىچىدىن نېمىشقا ئۇلارنى كۇپۇرلۇق ۋە يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن چەكلەيدىغان پەزىلەتلىك، سالىھ كىشىلەر مەيدانغا چىقمىدى. ئۇلاردىن ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھالاك بولغانلارنى بۇزۇقچىلىقتىن چەكلەيتتى. شۇڭا بىز ئۇلارنى زالىملارنى ھالاك قىلغان ۋاقتىمىزدا قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولغان ئىدى. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• وجوب الاستقامة على دين الله تعالى.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، info

• التحذير من الركون إلى الكفار الظالمين بمداهنة أو مودة.
خۇشامەت قىلىش ياكى دوستلۇق ئىزھار قىلىش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا يانتاياق بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى، info

• بيان سُنَّة الله تعالى في أن الحسنة تمحو السيئة.
ياخشىلىقنىڭ يامانلىقنى ئۆچۈرۈۋېتىشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى، info

• الحث على إيجاد جماعة من أولي الفضل يأمرون بالمعروف، وينهون عن الفساد والشر، وأنهم عصمة من عذاب الله.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى چەكلەيدىغان بىر بۆلۈك پەزىلەتلىك كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇشنى ۋە مۇشۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info