Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

external-link copy
114 : 11

وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ طَرَفَيِ ٱلنَّهَارِ وَزُلَفٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِۚ إِنَّ ٱلۡحَسَنَٰتِ يُذۡهِبۡنَ ٱلسَّيِّـَٔاتِۚ ذَٰلِكَ ذِكۡرَىٰ لِلذَّٰكِرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەتىگەن - كەچلەردە ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ناماز ئوقۇغىن. شۈبھىسىزكى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىشلار ۋەز - نەسىھەت قوبۇل قىلغۇچىلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر، ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەتتۇر. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• وجوب الاستقامة على دين الله تعالى.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، info

• التحذير من الركون إلى الكفار الظالمين بمداهنة أو مودة.
خۇشامەت قىلىش ياكى دوستلۇق ئىزھار قىلىش ئارقىلىق زالىم كاپىرلارغا يانتاياق بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى، info

• بيان سُنَّة الله تعالى في أن الحسنة تمحو السيئة.
ياخشىلىقنىڭ يامانلىقنى ئۆچۈرۈۋېتىشتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى، info

• الحث على إيجاد جماعة من أولي الفضل يأمرون بالمعروف، وينهون عن الفساد والشر، وأنهم عصمة من عذاب الله.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى چەكلەيدىغان بىر بۆلۈك پەزىلەتلىك كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇشنى ۋە مۇشۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info