Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

تەكاسۇر

Purposes of the Surah:
تذكير المتكاثرين واللاهين بالدنيا بالقبور والحساب.
مال-دۇنيانى كۆپەيتىش بىلەن ئېتىبارسىز دۇنياغا بېرىلگەنلەرنى قەبىر بىلەن ۋە ھېساب بىلەن ئەسلىتىش. info

external-link copy
1 : 102

أَلۡهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ

ئەي ئىنسانلار! مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بلىەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن كاشىلا قىلىپ قويدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 102

حَتَّىٰ زُرۡتُمُ ٱلۡمَقَابِرَ

نىھايەت سىلەر ئۆلۈپ، قەبرەڭلارغا كىردىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 102

كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

سىلەرنى نېمىشقا مال - دۇنيالىرىڭلارنى كۆز - كۆز قىلىشىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن كاشىلا قىپ قويدى؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 102

ثُمَّ كَلَّا سَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

چوقۇم ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 102

كَلَّا لَوۡ تَعۡلَمُونَ عِلۡمَ ٱلۡيَقِينِ

ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرگۈزۈلۈپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىدىغىنىڭلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىزمۇ مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار بىلەن كاشىلا بولمايتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 102

لَتَرَوُنَّ ٱلۡجَحِيمَ

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم دوزاخنى كۆرىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 102

ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيۡنَ ٱلۡيَقِينِ

ئاندىن ئۇنى شەكسىز ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 102

ثُمَّ لَتُسۡـَٔلُنَّ يَوۡمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ

ئاندىن كېيىن ئاشۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ساقلىق، بايلىق ۋە باشقا نېئمەتلەرنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• خطر التفاخر والتباهي بالأموال والأولاد.
مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بىلەن كۆز - كۆز قىلىشىش خەتەرلىكتۇر. info

• القبر مكان زيارة سرعان ما ينتقل منه الناس إلى الدار الآخرة.
قەبرە بىر زىيارەتگاھدۇركى، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ناھايىتى تېزلا ئاخىرەت ھاياتىغا يۆتكىلىدۇ. info

• يوم القيامة يُسْأل الناس عن النعيم الذي أنعم به الله عليهم في الدنيا.
قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئاللاھ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەر ھەققىدە سوراق قىلىنىدۇ. info

• الإنسان مجبول على حب المال.
ئىنسان مال - دۇنيانى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېر بىلەن يارىتىلغان. info