Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

external-link copy
14 : 59

لَا يُقَٰتِلُونَكُمۡ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرٗى مُّحَصَّنَةٍ أَوۡ مِن وَرَآءِ جُدُرِۭۚ بَأۡسُهُم بَيۡنَهُمۡ شَدِيدٞۚ تَحۡسَبُهُمۡ جَمِيعٗا وَقُلُوبُهُمۡ شَتَّىٰۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡقِلُونَ

ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار پەقەت مۇستەھكەم قورغانلىرىدا ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلالايدۇ. ئۇلار قورقۇنچاق بولغاچقا سىلەر بىلەن روبىرو تۇرۇپ جەڭ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدە كۈچلۈك ئۆچ - ئاداۋەت بار. دەماللىققا ئۇلارنى ئۆزئارا ئۆملۈكتە، ئېجىل - ئىناق دەپ ئويلايسەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى باشقا - باشقىدۇر. بۇ ئىختىلاپ ۋە قارشىلىقنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەقىل ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە ئىختىلاپلاشمىغان بولاتتى. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• رابطة الإيمان لا تتأثر بتطاول الزمان وتغير المكان.
ئىمان ئالاقىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئورۇننىڭ ئالمىشىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. info

• صداقة المنافقين لليهود وغيرهم صداقة وهمية تتلاشى عند الشدائد.
مۇناپىقلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ۋە باشقىلارغا بولغان ساداقىتى قىيىن پەيتلەردە غائىب بولىدىغان خىيالىي ساداقەتتۇر. info

• اليهود جبناء لا يواجهون في القتال، ولو قاتلوا فإنهم يتحصنون بِقُرَاهم وأسلحتهم.
يەھۇدىيلار تولىمۇ قورقۇنچاق بولۇپ، ئاشكارا جەڭگە چۈشەلمەيدۇ. ئۇلار ئۇرۇش قىلغان تەقدىردىمۇ قورغانلىرى ۋە قورال - ياراقلىرى بىلەن پاناھلىنىدۇ. info