Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
20 : 4

وَإِنۡ أَرَدتُّمُ ٱسۡتِبۡدَالَ زَوۡجٖ مَّكَانَ زَوۡجٖ وَءَاتَيۡتُمۡ إِحۡدَىٰهُنَّ قِنطَارٗا فَلَا تَأۡخُذُواْ مِنۡهُ شَيۡـًٔاۚ أَتَأۡخُذُونَهُۥ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا

ئى ئەرلەر! ئەگەر سىلەر بىر خوتۇننى قويىۋېتىپ ئورنىغا يەنە بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرگە گۇناھ يوق، ئەگەر سىلەر كەسكىن ئايرىلماقچى بولغان ئايالغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن كۆپ مال-دۇنيا بەرگەن بولساڭلارمۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مەقسىتىڭلار ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىدىن بىر نەرسە ئىلىۋېلىش بولسا، بۇ ئوچۇق بۆھتان ۋە روشەن گۇناھدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 4

وَكَيۡفَ تَأۡخُذُونَهُۥ وَقَدۡ أَفۡضَىٰ بَعۡضُكُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ وَأَخَذۡنَ مِنكُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا

سىلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا جىنسى ئالاقە، مۇھەببەت، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر-بىرىنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش قاتارلىق ئىشلار ھاسىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇلارغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن بەرگەن نەرسىنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە تاما قىلىش بەك پەسكەشلىكتۇر، ھەقىقەتەن سىلەردىن مۇستەھكەم چىڭ ئەھدە ئىلىنغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پرىنسىپى بىلەن ھالال قىلىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 4

وَلَا تَنكِحُواْ مَا نَكَحَ ءَابَآؤُكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِلَّا مَا قَدۡ سَلَفَۚ إِنَّهُۥ كَانَ فَٰحِشَةٗ وَمَقۡتٗا وَسَآءَ سَبِيلًا

ئاياللاردىن ئاتىلىرىڭلار توي قىلغان ئاياللارنى يەنى ئۆگەي ئاناڭلارنى نىكاھلاپ ئالماڭلار، بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ، لېكىن ئىسلامدىن ئىلگىرى بولغان بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن جازالانمايدۇ، ئوغۇللارنىڭ دادىسىنىڭ ئاياللىرى يەنى ئۆگەي ئانىسى بىلەن توي قىلىشى بەك ئىپلاس ئىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىبىگە دۇچار بولىدۇ ۋە ناچار-ئەخلاقسىزلىق يولىدا ماڭغان بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 4

حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمۡ أُمَّهَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُمۡ وَعَمَّٰتُكُمۡ وَخَٰلَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُ ٱلۡأَخِ وَبَنَاتُ ٱلۡأُخۡتِ وَأُمَّهَٰتُكُمُ ٱلَّٰتِيٓ أَرۡضَعۡنَكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُم مِّنَ ٱلرَّضَٰعَةِ وَأُمَّهَٰتُ نِسَآئِكُمۡ وَرَبَٰٓئِبُكُمُ ٱلَّٰتِي فِي حُجُورِكُم مِّن نِّسَآئِكُمُ ٱلَّٰتِي دَخَلۡتُم بِهِنَّ فَإِن لَّمۡ تَكُونُواْ دَخَلۡتُم بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ وَحَلَٰٓئِلُ أَبۡنَآئِكُمُ ٱلَّذِينَ مِنۡ أَصۡلَٰبِكُمۡ وَأَن تَجۡمَعُواْ بَيۡنَ ٱلۡأُخۡتَيۡنِ إِلَّا مَا قَدۡ سَلَفَۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا

سىلەرگە ئانىلىرىڭلار بىلەن توي قىلىش ھارام قىلىندى، شۇنىڭدەك ئانا تەرەپ ۋە دادا تەرەپتىن بولغان چوڭ ئانىلار بىلەن، قىزلىرىڭلار بىلەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىزلىرى ۋە قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئوغۇلنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، قېرىنداش ھەمشىرەڭلار ۋە ئانا باشقا ياكى دادا باشقا ھەمشىرىلىرىڭلار بىلەن، ھاممىلىرىڭلار بىلەن شۇنىڭدەك دادا تەرەپ ھاممىلىرىڭلار بىلەن ۋە ئۇلاردىن يۇقىرى ھاممىلىرىڭلار بىلەن، ئانا تەرەپ ھاممىلىرىڭلار بىلەن، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يۇقىرى بولغان ھاممىلىرىڭلار بىلەن، ئاكا-ئۇكا ۋە ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، سۈت ئانىلىرىڭلار بىلەن، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار بىلەن، قېيىن ئانىلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ قىزى بىلەن بىرگە بولۇڭلار ياكى بىرگە بولماڭلار ئوخشاشتۇر. ئاياللىرىڭلارنىڭ باشقا ئەردىن بولغان كۆپىنچە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلىنىۋاتقان قىزى بىلەن، شۇنىڭدەك باشقا جايدا تەربىيىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئانىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان بولساڭلار ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. ئەمما ئانىسى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىغان بولساڭلار، ئۇ ۋاقىتتا قىزلىرى بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئۆز پۇشتىدىن بولغان پەرزەنتىنىڭ ئايالى بىلەن توي قىلىش ھارام قىلىندى، گەرچە ئوغلى ئۇ ئايال بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ قاتارىغا ئېمىلدەشلىكتىن بولغان ئوغۇللىرىنىڭ ئاياللىرىمۇ كېرىدۇ، شۇنىڭدەك نەسەبتىن بولسۇن ياكى ئېمىلداشلىقتىن بولسۇن ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلاش ھارام قىلىندى. لېكىن ئىلگىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە بولغان بولسا ئۇنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۆزىگە تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە بىر ئايالنى ئۆزىنىڭ تاغا ئاچىسى ياكى ھامماچىسى بىلەن بىرگە .نىكاھىدا ساقلاشمۇ ھارام قىلىندى info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• إذا دخل الرجل بامرأته فقد ثبت مهرها، ولا يجوز له التعدي عليه أو الطمع فيه، حتى لو أراد فراقها وطلاقها.
ئەگەر ئەركىشى بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ بىرگە بولىدىكەن تويلۇق مېھرى بىكىتىلىدۇ. ھەتتا ئەركىشى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىش ياكى ئايرىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، تويلۇق مېھرىنى تاما قىلىش ئارقىلىق ئايالغا زۇلۇم قىلىشى توغرا بولمايدۇ info

• حرم الله تعالى نكاح زوجات الآباء؛ لأنه فاحشة تمقتها العقول الصحيحة والفطر السليمة.
ئاللاھ تائالا ئۆگەي ئانا بىلەن توي قىلىشنى ھارام قىلدى، چۈنكى ئۇ ساغلام .تەبىئەت ۋە ساق ئەقىلنى يوق قىلىدۇ info

• بين الله تعالى بيانًا مفصلًا من يحل نكاحه من النساء ومن يحرم، سواء أكان بسبب النسب أو المصاهرة أو الرضاع؛ تعظيمًا لشأن الأعراض، وصيانة لها من الاعتداء.
ئاللاھ ئاياللاردىن نىكاھ قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغانلىرىنى، مەيلى ئۇ نەسەبتىن بولسۇن ياكى كۇيئوغۇللۇقتىن بولسۇن ياكى ئېمىلداشلىقتىن بولسۇن ئوخشاش بولۇپ، ئايالنى ھۆرمەتلەش ۋە تاجاۋۇز قىلىنىشتىن ساقلاش ئۈچۈن تەپسىلى بايان قىلدى. info