Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
98 : 10

فَلَوۡلَا كَانَتۡ قَرۡيَةٌ ءَامَنَتۡ فَنَفَعَهَآ إِيمَٰنُهَآ إِلَّا قَوۡمَ يُونُسَ لَمَّآ ءَامَنُواْ كَشَفۡنَا عَنۡهُمۡ عَذَابَ ٱلۡخِزۡيِ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ

بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەن شەھەر ئاھالىسىدىن يۇنۇس قەۋمىدىن باشقا ئازاب مۇئەييەنلىشىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتىپ، ئېيتقان ئىمانى مەنپەئەت قىلغان بىرەرسى يوقتۇر. يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقان چاغدا بىز ئۇلاردىن دۇنيا ھاياتىدا خار قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۋەتتۇق، ئۇلارنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 10

وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَأٓمَنَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ كُلُّهُمۡ جَمِيعًاۚ أَفَأَنتَ تُكۡرِهُ ٱلنَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى خالىغان بولسا ئىدى، ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئەمما ئۇ مەلۇم ھېكمەت تۈپەيلى بۇنى خالىمىدى. ئۇ ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلماي تاشلاپ قويىدۇ. خالىغان كىشىنى پەزلى بىلەن ھىدايەت قىلىدۇ. كىشىلەرنى ئىمان ئېيتىشقا مەجبۇرلاش سېنىڭ قۇدرەت دائىرەڭدە ئەمەس. ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
100 : 10

وَمَا كَانَ لِنَفۡسٍ أَن تُؤۡمِنَ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَجۡعَلُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يَعۡقِلُونَ

ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا ئىمان ئېيتىدۇ. ئىمان ئېيتىش پەقەت ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەنلا بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ھەسرەت چەكمىگىن. ئاللاھنىڭ ھۆججەتلىرى، بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئازابقا ۋە خارلىققا دۇچار قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
101 : 10

قُلِ ٱنظُرُواْ مَاذَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَا تُغۡنِي ٱلۡأٓيَٰتُ وَٱلنُّذُرُ عَن قَوۡمٖ لَّا يُؤۡمِنُونَ

ئى پەيغەمبەر! سەندىن مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈشىڭنى سورىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەر ھەققىدە ئويلۇنۇپ بېقىڭلار. كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشقا تەييارلىقى يوق قەۋمگە مۆجىزە، ھۆججەت، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەننىڭ پايدىسى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
102 : 10

فَهَلۡ يَنتَظِرُونَ إِلَّا مِثۡلَ أَيَّامِ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِهِمۡۚ قُلۡ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ

ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلار پەقەت ئاللاھ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ھەقىقەتنى ئىنكار قىغانلارغا چۈشۈرگەنگە ئوخشاش ئازابنىڭ چۈشىشىنى كۈتىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسىنى كۈتىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
103 : 10

ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيۡنَا نُنجِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ، پەيغەمبەرلىرىمىزنى، ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقازدۇق. ئۇلارغا قەۋمىگە يەتكەن ئازاب يەتمەيدۇ. بىز ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزغىنىمىزدەك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزىشىمىزدا ھېچ شەك يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 10

قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي شَكّٖ مِّن دِينِي فَلَآ أَعۡبُدُ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَٰكِنۡ أَعۡبُدُ ٱللَّهَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُمۡۖ وَأُمِرۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مەن سىلەرنى چاقىرىۋاتقان دىنىم، تەۋھىد دىنىدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىڭ خاتالىقىغا مەنمۇ جەزم قىلىمەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىم مېنى ئۆزىنىڭ دىنىدا ئىخلاسمەن مۆئمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرىدى. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 10

وَأَنۡ أَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفٗا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

پەرۋەردىگارىم مېنى باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، ھەق دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشۇمغا بۇيرىدى. مۇشرىكلاردىن بولۇشۇمنى قەتئىي .چەكلىدى info
التفاسير:

external-link copy
106 : 10

وَلَا تَدۡعُ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَۖ فَإِن فَعَلۡتَ فَإِنَّكَ إِذٗا مِّنَ ٱلظَّٰلِمِينَ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم ئاللاھنىڭ ھەققى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ھەققىدە ھەددىدىن ئاشقان زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• الإيمان هو السبب في رفعة صاحبه إلى الدرجات العلى والتمتع في الحياة الدنيا.
دۇنيادا ھۇزۇر-ھالاۋەتكە، ئاخىرەتتە يۈكسەك دەرىجىلەرگە ئېرىشىشىتىكى ئاساسلىق سەۋەب ساغلام ئىماندۇر. info

• ليس في مقدور أحد حمل أحد على الإيمان؛ لأن هذا عائد لمشيئة الله وحده.
بىرەر ئادەمنى ئىمانغا كىرگۈزۈش ھېچقانداق ئادەمنىڭ قۇدرىتى دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. info

• لا تنفع الآيات والنذر من أصر على الكفر وداوم عليه.
كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە مۆجىزە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info

• وجوب الاستقامة على الدين الحق، والبعد كل البعد عن الشرك والأديان الباطلة.
ھەق دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈش ۋە باتىل دىنلاردىن يىراق تۇرۇش ۋاجىپتۇر. info