Prijevod značenja časnog Kur'ana - Prijevod djela "Skraćeni tefsir Kur'ana" na ujgurski jezik.

Broj stranice:close

external-link copy
88 : 20

فَأَخۡرَجَ لَهُمۡ عِجۡلٗا جَسَدٗا لَّهُۥ خُوَارٞ فَقَالُواْ هَٰذَآ إِلَٰهُكُمۡ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ

سامىرى ئۇلارغا ئاشۇ زىبۇ-زىنەتلەردىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئۈچۈن جانسىز بىر موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بەردى، ئۇنىڭدىن كالىنىڭ مۆرىگىنىگە ئوخشاش ئاۋاز چېقاتتى، سامىرىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن پىتنىگە چۈشۈپ ئېزىپ كەتكەنلەر: بۇ سىلەرنىڭ ۋە مۇسانىڭ ئىلاھى، مۇسا ئۇنتۇپ قىلىپ ئىلاھىنى بۇيەردە قويۇپ كەتتى، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 20

أَفَلَا يَرَوۡنَ أَلَّا يَرۡجِعُ إِلَيۡهِمۡ قَوۡلٗا وَلَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا

موزاينىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار ئۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆز قىلالمايدىغانلىقى، سۆزلىرىگە جاۋاپمۇ بېرەلمەيدىغانلىقى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بىرەر زىياننى توسالمايدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ ھېچ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ!؟. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 20

وَلَقَدۡ قَالَ لَهُمۡ هَٰرُونُ مِن قَبۡلُ يَٰقَوۡمِ إِنَّمَا فُتِنتُم بِهِۦۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَٱتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوٓاْ أَمۡرِي

شەكسىزكى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھارۇن ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئالتۇندىن موزاي ياساش ۋە ئۇنىڭ مۆرىشى پەقەت سىلەرنى سىناش ۋە كاپىردىن مۆئمىننى ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك زاتتۇر. سىلەرگە مەرھەمەت قىلىش تۈگۈل پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان موزاي قانداقمۇ ئىلاھ بولىدۇ؟، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ماڭىلا ئەگىشىڭلار. ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىش بىلەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 20

قَالُواْ لَن نَّبۡرَحَ عَلَيۡهِ عَٰكِفِينَ حَتَّىٰ يَرۡجِعَ إِلَيۡنَا مُوسَىٰ

موزايغا ئىبادەت قىلىش بىلەن قايمۇققانلار: مۇسا بىزنىڭ يىنىمىزغا .قايتىپ كەلگۈچە قەدەر موزايغا ئىبادەت قىلغاچ تۇرۇمىز دېيىشتى info
التفاسير:

external-link copy
92 : 20

قَالَ يَٰهَٰرُونُ مَا مَنَعَكَ إِذۡ رَأَيۡتَهُمۡ ضَلُّوٓاْ

مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ موزايغا چوقۇنۇش بىلەن ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭدا ئۇلارنى چەكلەشتىن ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى؟، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
93 : 20

أَلَّا تَتَّبِعَنِۖ أَفَعَصَيۡتَ أَمۡرِي

ئۇلارنى شۇ ھالەتتە قويۇپ ماڭا ئەگىشەمسەن؟، مېنىڭ سېنى ئۇلارنى ئىدارە قىلىشقا ئىزباسار قىلغان ۋاقتىدىكى بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ!؟. info
التفاسير:

external-link copy
94 : 20

قَالَ يَبۡنَؤُمَّ لَا تَأۡخُذۡ بِلِحۡيَتِي وَلَا بِرَأۡسِيٓۖ إِنِّي خَشِيتُ أَن تَقُولَ فَرَّقۡتَ بَيۡنَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَلَمۡ تَرۡقُبۡ قَوۡلِي

مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ ساقىلى ۋە چېچىدىن تارتىپ سۆرىگەندە، ھارۇن ئۇنىڭغا شەپقەت قېلىشىنى سوراپ: قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە قېلىشىمدا ئۈزرەم بار، مەن ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويسام ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈۋەتتىڭ دېيىشىڭدىن ۋە سېنىڭ ئۇلار توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقۇڭنى ساقلىيالماسلىقىمدىن قورۇقتۇم دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 20

قَالَ فَمَا خَطۡبُكَ يَٰسَٰمِرِيُّ

مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىيغا: ئى سامىرى! ساڭا نېمە بولدى؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
96 : 20

قَالَ بَصُرۡتُ بِمَا لَمۡ يَبۡصُرُواْ بِهِۦ فَقَبَضۡتُ قَبۡضَةٗ مِّنۡ أَثَرِ ٱلرَّسُولِ فَنَبَذۡتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتۡ لِي نَفۡسِي

سامىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، جەبرائىلنى ئات ئۈستۈدە كۆردۈم، ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپا ئالدىم، ئۇ توپىنى ئېرىتىلگەن زىبۇ-زىنەتتىن ياسالغان موزايغا چاچتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ مۆرىگىنىدەك ئاۋاز چىقتى، شۇنىڭدەك بۇ .قىلمىشىمنى نەپسىم ماڭا چىرايلىق كۆرسەتتى دېدى info
التفاسير:

external-link copy
97 : 20

قَالَ فَٱذۡهَبۡ فَإِنَّ لَكَ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ أَن تَقُولَ لَا مِسَاسَۖ وَإِنَّ لَكَ مَوۡعِدٗا لَّن تُخۡلَفَهُۥۖ وَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ إِلَٰهِكَ ٱلَّذِي ظَلۡتَ عَلَيۡهِ عَاكِفٗاۖ لَّنُحَرِّقَنَّهُۥ ثُمَّ لَنَنسِفَنَّهُۥ فِي ٱلۡيَمِّ نَسۡفًا

مۇسا ئەلەيھىسسالام سامىرىغا: سەن بارغىن! ھايات ياشىغان مۇددىتىڭدە كۆرگەنلا كىشىگە ماڭا يېقىنلاشماڭلار، مەنمۇ يېقىنلاشمايمەن دېگىن، يالغۇز ياشىغايسەن، شەكسىزكى ساڭا قىيامەتتە ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت بار، ئۇ ۋاقىتتا ھېساب بېرىسەن ۋە جازالىنىسەن، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ. سەن ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتىپ ئاندىن ئۇنىڭ تەسىرى قالماسلىق ئۈچۈن كۈلىنى دېڭىزغا چىچىۋېتىمىز دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
98 : 20

إِنَّمَآ إِلَٰهُكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِي لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ وَسِعَ كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمٗا

ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ھەقىقى مەبۇدىڭلار ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغان يەككە-يېگانە ئاللاھتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ھېچ نەرسە ساقىت بولمايدۇ. info
التفاسير:
Poruke i pouke ajeta na ovoj stranici:
• خداع الناس بتزوير الحقائق مسلك أهل الضلال.
ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىپ كىشىلەرنى ئالداش ئازغۇنلارنىڭ تۇتقان يولىدۇر info

• الغضب المحمود هو الذي يكون عند انتهاكِ محارم الله.
ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئاياغ-ئاستى قىلىنغاندا غەزەپلىنىش ماختىلىنىدۇ. info

• في الآيات أصل في نفي أهل البدع والمعاصي وهجرانهم، وألا يُخَالَطوا.
بىدئەتچىلەرنى، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغۇچىلارنى ئۆز ھالىغا تاشلىۋېتىپ ئۇلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىلىش ئايەتتىكى ئەسلى تەقەززادۇر. info

• في الآيات وجوب التفكر في معرفة الله تعالى من خلال مفعولاته في الكون.
ئايەت ئاللاھ تائالانى تونۇشتا، ئۇنىڭ كائىناتتا بارلىققا كەلتۈرگەن .مەخلۇقاتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرىدۇ info